مۇھەممەد سالىھ — 378
27:14 ئۇلار ئۇ ئايەتلەرنى ئىچىدە ئېتىراپ قىلدى، لېكىن ئۇلار ئۇنى زۇلۇم ۋە تەكەببۇرلۇق قىلىش يۈزىسىدىن ئىنكار قىلدى. بۇزغۇنچىلارنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىغا قارىغىن(14).
27:15 بىز ھەقىقەتەن داۋۇدقا، سۇلايمانغا (دۇنيا ۋە دىن ئىلىملىرىدىن كەڭ) ئىلىم ئاتا قىلدۇق، ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزنى نۇرغۇن بەندىلىرىدىن ئارتۇق قىلغان ئاللاھقا خاستۇر!»(15).
27:16 سۇلايمان (پەيغەمبەرلىكتە، ئىلىمدە، پادىشاھلىقتا ئاتىسى) داۋۇدقا ۋارىسلىق قىلدى. ئۇ: «ئى ئىنسانلار! بىزگە قۇشلارنىڭ تىلى تەلىم بېرىلدى. (دۇنيانىڭ نېمەتلىرىدىن) ھەممە نەرسە ئاتا قىلىندى، بۇ ئەلۋەتتە (ئاللاھنىڭ) روشەن ئېھسانىدۇر» دېدى(16).
27:17 سۇلايماننىڭ جىنلاردىن، ئىنسانلاردىن ۋە قۇشلاردىن بولغان قوشۇنلىرى توپلاندى (سۇلايمان ئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ ئالدىدا دەبدەبە بىلەن ماڭاتتى). ئۇلار تەرتىپلىك ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىدى(17).
27:18 ئۇلار (شامدىكى بىر) چۈمۈلىلەر ۋادىسىغا يېتىپ كەلگەندە، بىر (چىشى) چۈمۈلە ئېيتتى: «ئى چۈمۈلىلەر! ئۇۋىلىرىڭلارغا كىرىپ كېتىڭلار، سۇلايمان ۋە ئۇنىڭ قوشۇنى ئۇقماستىن سىلەرنى يەنچىۋەتمىسۇن»(18).
27:19 سۇلايمان چۈمۈلىنىڭ سۆزىدىن تەبەسسۇم قىلىپ كۈلدى ۋە ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى ماڭا ۋە ئاتا ـ ئانامغا بەرگەن نېمىتىڭگە شۈكۈر قىلىشقا، سەن رازى بولىدىغان ياخشى ئەمەلنى قىلىشقا مۇۋەپپەق قىلغىن، رەھمىتىڭ بىلەن مېنى ياخشى بەندىلىرىڭ قاتارىغا كىرگۈزگىن»(19).
27:20 ئۇ قۇشلارنى كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئېيتتى: «ماڭا نېمە بولدى؟ ھۆپۆپنى كۆرمەيمەنغۇ! ياكى ئۇ يوقاپ كەتتىمۇ(20).
27:21 ئۇنى چوقۇم قاتتىق جازالايمەن، يا ئۇنى چوقۇم بوغۇزلايمەن، يا چوقۇم (يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئاقلايدىغان) بىر روشەن دەلىل كەلتۈرىدۇ»(21).
27:22 ئۇزاق ئۆتمەي ھۆپۈپ كەلدى، ئۇ ئېيتتى: «مەن سەن بىلمىگەن ئىشنى بىلىپ (كەلدىم)، ساڭا مەن سەبەدىن (يەنى يەمەندىكى سەبە شەھرىدىن) مۇھىم بىر خەۋەر ئېلىپ كەلدىم(22).