مۇھەممەد سالىھ — 381

27:45 بىز ھەقىقەتەن سەمۇدقا (يەنى سەمۇد قەبىلىسىگە نەسەب جەھەتتىن) قېرىندىشى سالىھنى (پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق، (سالىھ) «ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار» (دېدى)، ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇلار جېدەللىشىدىغان (يەنى دىن بارىسىدا جىدەللىشىدىغان مۆمىنلەر ۋە كاپىرلاردىن ئىبارەت) ئىككى گۇرۇھقا بۆلۈنۈپ كەتتى(45).

27:46 سالىھ ئېيتتى: «ئى قەۋمىم، سىلەر نېمىشقا رەھمەتتىن بۇرۇن ئازابنىڭ كېلىشىنى تىلەيسىلەر؟ سىلەر رەھمەتكە ئېرىشىشىڭلار ئۈچۈن نېمىشقا ئاللاھتىن مەغپىرەت تەلەپ قىلمايسىلەر؟»(46)

27:47 ئۇلار ئېيتتى: «(بىزگە كەلگەن قەھەتچىلىك) سېنىڭ ۋە سەن بىلەن بولغان كىشىلەرنىڭ شۇملۇقىدىن كەلدى». سالىھ ئېيتتى: «سىلەرگە كېلىدىغان ياخشى -يامانلىق ئاللاھ تەرىپىدىن كېلىدۇ، بەلكى سىلەرنى ئاللاھ سىنايدۇ»(47).

27:48 شەھەردە (يەنى ھىجرىدە) يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، ئىسلاھ قىلمايدىغان توققۇز نەپەر كىشى بار ئىدى(48).

27:49 ئۇلار: «ئۆز ئارا ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىڭلار» دېدى. ئۇلار ئېيتتى: «بىر كېچىدە سالىھنى ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىنى چوقۇم ئۆلتۈرەيلى، ئاندىن چوقۇم ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنىڭ) ئىگىسىگە، ئۇ ئۆلتۈرۈلگەن چاغدا بىز ئۈستىدە ئەمەس ئىدۇق، بىز ھەقىقەتەن راستچىلمىز، دەيلى»(49).

27:50 ئۇلار (سالىھقا قارشى) سۇيىقەست پىلانلىدى. ئۇلارنى (ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن)سۇيىقەستى ئۈچۈن تۇيۇقسىز جازالىدۇق(50).

27:51 ئۇلارنىڭ سۇيىقەستىنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قارىغىنكى، ئۇلارنى ۋە ئۇلارنىڭ قەۋمىنى پۈتۈنلەي ھالاك قىلدۇق(51).

27:52 ئۇلار زۇلۇم قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن، ئەنە ئۇلارنىڭ ئۆيلىرى (ئادەمزاتتىن) خالىي بولۇپ قالدى. ئاللاھنىڭ (قۇدرىتىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا (چوڭ) ئىبرەت بار(52).

27:53 (سالىھ بىلەن) ئىمان ئېيتقان ۋە تەقۋادارلىق قىلغانلارنى (ئازابتىن) قۇتقۇزدۇق(53).

27:54 (لۇتنىڭ قىسسەسىنى بايان قىلغىن) ئەينى زاماندا لۇت ئۆزىنىڭ قەۋمىگە ئېيتتى: «سىلەر بىلىپ تۇرۇپ قەبىھ ئىشلارنى قىلامسىلەر؟(54)

27:55 سىلەر ئاياللارنى قويۇپ، جىنسىي تەلىۋىڭلارنى ئەرلەر بىلەن قاندۇرامسىلەر؟ بەلكى سىلەر نادان قەۋمسىلەر»(55).