مۇھەممەد سالىھ — 391
28:44 (ئى مۇھەممەد!) بىز غەربىي تاغنىڭ بىر تەرىپىدە مۇساغا ۋەھىي نازىل قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، (بۇنى) ئۆز كۆزۈڭ بىلەنمۇ كۆرمىگەن ئىدىڭ(44).
28:45 لېكىن بىز نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ياراتتۇق، ئۇلارنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولدى، سەن مەديەن ئاھالىسىنىڭ ئىچىدە ئۇلارغا بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرغۇچى بولغىنىڭ يوق، لېكىن بىز (سېنى ئۇلاردىن باشقا بىر قەۋمگە پەيغەمبەر قىلىپ) ئەۋەتتۇق(45).
28:46 بىز تۇر تېغىنىڭ بىر تەرىپىدە (مۇساغا) سۆز قىلغىنىمىزدا سەن يوق ئىدىڭ، لېكىن بۇ سەندىن ئىلگىرى ھېچبىر ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلمىگەن قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ ۋەز ـ نەسىھەت ئېلىشى ئۈچۈن، پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان رەھمەتتۇر(46).
28:47 ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرى (يەنى كۇفرى ۋە گۇناھلىرى) تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بىرەر ئازاب كەلسە، «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بىرەر پەيغەمبەر ئەۋەتكەن بولساڭ ئىدىڭ، سېنىڭ ئايەتلىرىڭگە ئەگىشەتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دېمەسلىكلىرى ئۈچۈن (سېنى ئۇلارغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)(47).
28:48 ئۇلارغا بىز ۋەھىي قىلغان ھەقىقەت نازىل بولغان چاغدا، ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) نېمىشقا مۇساغا بېرىلگەندەك مۆجىزە بېرىلمىدى؟» دېدى. ئۇلار ئىلگىرى مۇساغا بېرىلگەن مۆجىزىنى ئىنكار قىلمىدىمۇ؟ ئۇلار: «(تەۋرات بىلەن قۇرئان) بىر ـ بىرىنى تەستىق قىلىدىغان سېھىردۇر» دېدى. ئۇلار: «بىز ھەقىقەتەن (ئىككى كىتابنىڭ) ھەربىرىنى ئىنكار قىلغۇچىمىز» دېدى(48).
28:49 ئېيتقىنكى، «ئەگەر (ئۇ ئىككى كىتاب سېھىردۇر دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولىدىغان بولساڭلار، ئۇ ئىككى كىتابقا قارىغاندا، ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تېخىمۇ توغرا بىر كىتاب كەلتۈرۈپ بېقىڭلار، مەن ئۇنىڭغا ئەگىشەي»(49).
28:50 ئەگەر ئۇلار ساڭا جاۋاپ بەرمىسە، بىلگىنكى، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىڭ نەپسى خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ. ئاللاھ ۋەھىي قىلغان توغرا يولنى قويۇپ نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن كىشىدىنمۇ ئازغۇن ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ھەقىقەتەن زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(50).