مۇھەممەد سالىھ — 398
29:15 بىز نۇھنى ۋە كېمىدىكىلەرنى (غەرق بولۇپ كېتىشتىن) قۇتقۇزدۇق، توپاننى پۈتۈن ئەھلى جاھان ئۈچۈن ئىبرەت قىلدۇق(15).
29:16 ئىبراھىمنىمۇ (قەۋمىگە پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتتۇق)، ئۆز ۋاقتىدا ئۇ قەۋمىگە ئېيتتى: «بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئەگەر بىلسەڭلار مۇنداق قىلىش سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر(16).
29:17 ئاللاھنى قويۇپ بۇتلارغىلا ئىبادەت قىلىسىلەر (بۇتلارنى ئۆز قولۇڭلار بىلەن ياسىۋالغانسىلەر، بۇتلارنىڭ قولىدىن پايدا ـ زىيان كەلمەيدۇ) ۋە يالغاننىلا ئويدۇرىسىلەر، سىلەرنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقىنىڭلار (يەنى بۇتلار) سىلەرگە رىزىق بېرىشكە قادىر ئەمەس، رىزىقنى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىن تەلەپ قىلىڭلار (رىزىق بېرىشكە پەقەت ئاللاھنىڭ ئۆزى قادىردۇر)، ئاللاھقا ئىبادەت قىلىڭلار ۋە ئۇنىڭغا شۈكۈر قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(17).
29:18 سىلەر (مېنى) ئىنكار قىلساڭلار (ئىنكار قىلغانلىقىڭلار بىلەن ماڭا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيسىلەر، پەقەت ئۆزۈڭلارغا زىيان يەتكۈزىسىلەر)، سىلەردىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئۈممەتلەرمۇ (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان (شۇنىڭ بىلەن ئۇلارغا ئاللاھنىڭ ئازابى نازىل بولغان، سىلەرگىمۇ شۇنداق ئازاب نازىل بولىدۇ)، پەيغەمبەرنىڭ مەسئۇلىيىتى پەقەت (ئاللاھنىڭ ئەمىرلىرىنى) چۈشىنىشلىك قىلىپ يەتكۈزۈشتۇر»(18).
29:19 ئۇلار (يەنى ئىنكار قىلغۇچىلار) ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى دەسلەپتە يوقتىن قانداق بارلىققا كەلتۈرگەنلىكىنى، ئاندىن ئۇنى (ئۆلگەندىن كېيىن) تىرىلدۈرىدىغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ بۇ ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاساندۇر (ئۇلار بۇنى قانداقمۇ ئىنكار ق ىلىدۇ، دەسلەپتە يارىتىشقا قادىر بولغان زات قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە ئەلۋەتتە قادىردۇر)(19).
29:20 ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتىنى قانداق قىلىپ (يوقتىن) بار قىلغانلىقىغا قاراڭلار، ئاندىن ئاللاھ ئۇلارنى (قىيامەتتە) قايتا پەيدا قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممە نەرسىگە قادىردۇر(20).
29:21 ئاللاھ خالىغان ئادەمنى جازالايدۇ، خالىغان ئادەمگە رەھمەت قىلىدۇ، (قىيامەتتە) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىسىلەر(21).
29:22 سىلەر مەيلى زېمىندا بولسۇن، مەيلى ئاسماندا بولسۇن، ئاللاھ (نىڭ ئازابى) دىن قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر، سىلەرگە ئاللاھتىن بۆلەك دوستمۇ يوق، مەدەتكارمۇ يوق»(22).
29:23 ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ۋە ئۇنىڭغا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى ئاخىرەتنى) ئىنكار قىلغانلار -ئەنە شۇلار مېنىڭ رەھمىتىمدىن نائۈمىد بولدى. ئەنە شۇلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(23).