مۇھەممەد سالىھ — 431

34:23 ئاللاھ رۇخسەت قىلغان ئادەمدىن باشقىغا ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا شاپائەت پايدا بەرمەيدۇ. شاپائەت قىلغۇچىلارنىڭ دىللىرىدىن قورقۇنچ كۆتۈرۈلگەندە، ئۇلار ئاندىن (بەزىسى بەزىسىگە): «پەرۋەردىگارىڭلار (شاپائەت توغرۇلۇق) نېمە دېدى؟» دەيدۇ. ئۇلار (جاۋابەن): «ھەقنى (دېدى) (يەنى مۆمىنلەرگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلدى)» دەيدۇ. ئاللاھ يۈكسەكتۇر، كاتتىدۇر(23).

34:24 ئېيتقىنكى، «سىلەرگە ئاسمانلاردىن ۋە زېمىندىن كىم رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (رىزىق بېرىپ تۇرىدۇ)، شۈبھىسىزكى، بىز ياكى سىلەر چوقۇم ھىدايەتتىدۇرمىز، يا روشەن گۇمراھلىقتىدۇرمىز»(24).

34:25 ئېيتقىنكى، «بىزنىڭ قىلغان گۇناھىمىز ئۈچۈن سىلەر سوراققا تارتىلمايسىلەر، سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلار ئۈچۈن بىز سوراققا تارتىلمايمىز»(25).

34:26 ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىمىز بىزنى (قىيامەت كۈنى) يىغىدۇ. ئاندىن بىزنىڭ ئارىمىزدا ھەقلىق بىلەن ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ئادىل ھۆكۈم قىلغۇچىدۇر، (خالايىقنىڭ ئەھۋالىنى) بىلگۈچىدۇر»(26).

34:27 ئېيتقىنكى، «ماڭا ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ شېرىكى دەپ ئاتىۋالغىنىڭلار ھەرگىزمۇ ئۇنداق ئەمەس، بەلكى ئۇ ـ ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر»(27).

34:28 سېنى بىز پەقەت پۈتۈن ئىنسانلار ئۈچۈن (مۆمىنلەرگە جەننەت بىلەن) خۇشخەۋەر بەرگۈچى ۋە (كاپىرلارنى ئازاب بىلەن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق. لېكىن ئىنسانلارنىڭ تولىسى (بۇنى) بىلمەيدۇ(28).

34:29 ئۇلار: «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار، بۇ ۋەدە (يەنى سىلەر بىزنى قورقۇتۇۋاتقان ئازاب) قاچان ئىشقا ئاشىدۇ؟» دەيدۇ(29).

34:30 ئېيتقىنكى، «سىلەرگە (ئازاب ئۈچۈن) ۋەدە قىلىنغان بىر كۈن باركى، ئۇنىڭدىن بىردەممۇ ئىلگىرى ـ كېيىن بولمايسىلەر»(30).

34:31 كاپىرلار: «بۇ قۇرئانغا ۋە ئۇنىڭدىن ئىلگىرىكى كىتابلارغا ھەرگىز ئىشەنمەيمىز» دەيدۇ. ئەگەر زالىملارنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا توختىتىپ قويۇلغان چاغدا بەزىسى بەزىسى بىلەن جېدەللىشىۋاتقاندا كۆرسەڭ ئىدىڭ (ئەلۋەتتە قورقۇنچلۇق ھالنى كۆرەتتىڭ)، ئاجىزلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر) كۈچلۈكلەر (يەنى ئەگەشتۈرگۈچىلەر) گە: «ئەگەر سىلەر بولمىساڭلار بىز چوقۇم ئىمان ئېيتاتتۇق» دەيدۇ(31).