مۇھەممەد سالىھ — 437

35:19 كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ(19).

35:20 زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ(20).

35:21 سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ(21).

35:22 تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن(22).

35:23 سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن(23).

35:24 ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن(24).

35:25 ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى(25).

35:26 ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟)(26)

35:27 كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار(27).

35:28 شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇ خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ،ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىپتۇر، (بەندىلەر ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى)مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (28)

35:29 شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ(29)

35:30 ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر(30).