مۇھەممەد سالىھ — 440

35:45 ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋەلېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(45).

36:1 ياسىن(1).

36:2 ھېكمەتلىك قۇرئان بىلەن قەسەمكى (2)

36:3 (ئى مۇھەممەد!) شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەن پەيغەمبەرلەردىنسەن( - 3).

36:4 توغرا يولدىسەن(4).

36:5 قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(5 ـ 6).

36:6 قۇرئان ئاتا ـ بوۋىلىرى ئاگاھلاندۇرۇلمىغان (يەنى ئۇلارغا پەيغەمبەر كەلمىگەن)، غاپىل قالغان بىر قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، غالىب، ناھايىتى مېھرىبان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(5 ـ 6).

36:7 ئۇلارنىڭ كۆپچىلىكىگە (ئازاب توغرىسىدىكى) ھۆكۈم ھەقىقەتەن تېگىشلىك بولدى. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ(7).

36:8 بىز ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ بويۇنلىرىغا ئېڭەكلىرىگۈچە تاقاقلارنى تاقىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ھەقكە) باشلىرىنى ئىگەلمەيدۇ(8).

36:9 ئۇلارنىڭ ئالدىدا بىر توسۇق، كەينىدە بىر توسۇق قىلدۇق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى پەردىلىدۇق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار (ئىماننىڭ يوللىرى توسۇلۇپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن) ھېچ نەرسىنى كۆرەلمەيدۇ(9).

36:10 ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرامسەن، ئاگاھلاندۇرمامسەن، ئۇلارغا بەرىبىر ئوخشاش، ئىمان ئېيتمايدۇ(10).

36:11 سەن پەقەت قۇرئانغا ئەگەشكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھنى كۆرمەي تۇرۇپ قورققان كىشىنى ئاگاھلاندۇرالايسەن (يەنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭنىڭ پايدىسى بولىدۇ)، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى) مەغپىرەت قىلىدىغانلىقى ۋە ئېسىل ساۋاب (يەنى جەننەت ئاتا قىلىدىغانلىقى) بىلەن خۇشخەۋەر بەرگىن(11).

36:12 بىز، شۈبھىسىزكى، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمىز، ئۇلارنىڭ (دۇنيادا) قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئەمەللىرىنى ۋە ئىشلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ھەممە شەيئىنى روشەن دەپتەردە (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) تولۇق خاتىرىلەپ قويغانمىز(12).