مۇھەممەد سالىھ — 442

36:28 ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ قەۋمىنى (جازالاش ئۈچۈن) ئاسماندىن قوشۇن (يەنى پەرىشتىلەر) چۈشۈرمىدۇق (ھەر قەۋمنى ھالاك قىلىش ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى) چۈشۈرۈۋەرگۈچى بولمىدۇق(28).

36:29 پەقەت بىر ئاۋاز بىلەنلا ناگاھان ئۇلار قېتىپ قالدى(29).

36:30 (ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغۇچى) بەندىلەرگە ئەپسۇسكى، ئۇلارغا بىرەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى(30).

36:31 ئۇلار (يەنى مەككە ئاھالىسى) ئۇلاردىن ئىلگىرى ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى بىلمەمدۇ؟ ئۇلار بۇلارنىڭ يېنىغا (يەنى دۇنياغا ئەبەدىي) قايتمايدۇ(31).

36:32 ئۇلارنىڭ ھەممىسى (قىيامەت كۈنى ھېساب بېرىش ئۈچۈن) ھۇزۇرىمىزغا ھازىر قىلىنىدۇ(32).

36:33 ئۆلۈك (يەنى قۇرغاق) زېمىننى (يامغۇر بىلەن) تىرىلدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ئۇلار يەيدىغان ئاشلىقنى ئۆستۈرگەنلىكىمىز ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئالامەتتۇر(33).

36:34 بىز زېمىندا نۇرغۇنلىغان خورما باغلىرىنى، ئۈزۈم باغلىرىنى بەرپا قىلدۇق، شۇ زېمىندا بۇلاقلارنى ئېقىتتۇق(34).

36:35 ئۇلار ئۇنىڭ (يەنى باغلارنىڭ) مېۋىسىنى يېسۇن، (بۇ مېۋىلەرنى) ئۇلارنىڭ قوللىرى ياراتقان ئەمەس، ئۇلار (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) شۈكۈر قىلمامدۇ؟(35).

36:36 ئاللاھ (پۈتۈن ئەيىب ـ نۇقسانلاردىن) پاكتۇر، ئۇ پۈتۈن شەيئىلەرنى جۈپ ياراتتى. زېمىندىن ئۈنۈپ چىقىدىغان نەرسىلەرنىڭ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ۋە ئۇلار بىلمەيدىغان نەرسىلەر (يەنى ئاجايىپ مەخلۇقاتلار) نىڭ ھەممىسىنىڭ جۈپتى بار(36).

36:37 ئۇلارغا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) بىر ئالامەت كېچىدىن ئىبارەتكى، ئۇنىڭدىن كۈندۈزنى ئايرىۋېتىمىز ـ دە (يەنى كۈندۈزنىڭ نۇرىنى يوق قىلىۋېتىمىز ـ دە)، ئۇلار شۇھامان قاراڭغۇدا قالىدۇ(37).

36:38 كۈن بەلگىلەنگەن جايىغا قاراپ سەير قىلىدۇ، بۇ، غالىب، ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھنىڭ ئالدىنئالا بەلگىلىگەن ئىشىدۇر(38).

36:39 ئايغا سەير قىلىدىغان مەنزىللەرنى بەلگىلىدۇق، ئۇ (ئاخىرقى مەنزىلگە يېتىپ بارغاندا) خورمىنىڭ قۇرۇپ قالغان شېخىغا ئوخشاش بولۇپ قالىدۇ(39).

36:40 كۈننىڭ ئايغا يېتىۋېلىشى (يەنى ئىككىسىنىڭ جەم بولۇپ قېلىشى)، كېچىنىڭ كۈندۈزدىن ئېشىپ كېتىشى (يەنى ۋاقتى كەلمەستىن كۈندۈزنىڭ ئورنىنى ئېلىشى) مۇمكىن ئەمەس، ھەر بىرى پەلەكتە ئۈزۈپ تۇرىدۇ(40).