مۇھەممەد سالىھ — 444
36:55 شۈبھىسىزكى، ئۇ كۈندە جەننەت ئەھلىلىرى نېمەت ئىچىدىدۇر(55).
36:56 1. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ جۈپتىللىرى <جەننەتلەرنىڭ>سايىلىرى ئاستىدا تەخىتلەرگە يۆلەنگەن ھالدا تۇرىدۇ(56).
36:57 ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (تۈرلۈك) مېۋىلەر بار، ئۇلار ئۈچۈن جەننەتتە (ئۇلارنىڭ) كۆڭلى تارتقان نەرسىلەر بولىدۇ(57).
36:58 مېھرىبان پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن (ئۇلارغا) سالام دېيىلىدۇ(58).
36:59 (گۇناھكارلارغا) «ئى گۇناھكارلار! بۈگۈن (بىر تەرەپكە) ئايرىلىڭلار» (دېيىلىدۇ)(59).
36:60 سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟(60ـ61)
36:61 سىلەرگە (پەيغەمبەرلىرىم ئارقىلىق): «ئى ئادەم بالىلىرى! شەيتانغا چوقۇنماڭلار، ئۇ ھەقىقەتەن سىلەرگە ئاشكارا دۈشمەندۇر، ماڭىلا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر» دەپ تەۋسىيە قىلمىدىممۇ؟(60ـ61)
36:62 شۈبھىسىزكى، شەيتان سىلەردىن نۇرغۇن كىشىلەرنى ئازدۇردى، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟(62)
36:63 سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان جەھەننەم مانا شۇ(63).
36:64 سىلەر (دۇنيادىكى چېغىڭلاردا) كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن بۈگۈن جەھەننەمگە كىرىڭلار(64).
36:65 شۇ كۈندە ئۇلارنىڭ ئېغىزلىرىنى پېچەتلىۋېتىمىز، ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى قوللىرى بىزگە سۆزلەپ بېرىدۇ، پۇتلىرى گۇۋاھلىق بېرىدۇ (يەنى ھەر ئەزا ئۇنىڭدىن سادىر بولغان ئىشنى سۆزلەپ بېرىدۇ)(65).
36:66 ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنىڭ كۆزلىرىنى ئەلۋەتتە يوق قىلىۋېتەتتۇق، ئاندىن ئۇلار يول مېڭىشقا ئالدىرايتتى، لېكىن ئۇلار قانداقمۇ كۆرەلىسۇن؟(66)
36:67 ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى ئۆيلىرىدىلا سۈرىتى مۇبەددەل (يەنى مايمۇن، چوشقا ياكى تاش) قىلىۋېتەتتۇق، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئالدىغىمۇ ماڭالمايتتى، ئارقىغىمۇ قايتالمايتتى(67).
36:68 بىز ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلغان ئادەمنىڭ تېنىنى ئاجىزلىتىۋېتىمىز (يەنى ياشلىق، قىرانلىق ۋاقتىدىكىدىن ئاجىزلايدۇ، قېرىيدۇ)، ئۇلار (بۇنى) چۈشەنمەمدۇ؟(68).
36:69 ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر(69ـ70).
36:70 ئۇنىڭغا (يەنى پەيغەمبەرگە) بىز شېئىر تەلىم بەرمىدۇق، ئۇنىڭغا شېئىر مۇناسىپمۇ ئەمەس. ئۇ پەقەت تىرىكلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش، كاپىرلارغا ئازابنىڭ تېگىشلىك ئىكەنلىكىنى (بىلدۈرۈش ئۈچۈن نازىل بولغان) ۋەز ـ نەسىھەتتۇر ۋە روشەن قۇرئاندۇر(69ـ70).