مۇھەممەد سالىھ — 457

38:62 ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟(62)

38:63 ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟ (يەنى ياكى ئۇلار دوزاختا بىز بىلەن بىللە تۇرسىمۇ كۆرمەيۋاتامدۇق؟)»(63).

38:64 ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر(64).

38:65 (ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر(65).

38:66 (ئۇ ئاللاھ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»(66).

38:67 (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر(67).

38:68 سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر(68).

38:69 پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم(69).

38:70 ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇكى، مەن روشەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»(70)

38:71 ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن(71).

38:72 ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار»(72).

38:73 پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى(73).

38:74 پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى(74).

38:75 ئاللاھ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»(75).

38:76 ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى(76).

38:77 ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى(77ـ78).

38:78 ئاللاھ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى(77ـ78).

38:79 ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گۈچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)» دېدى(79).

38:80 ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى(80ـ81).

38:81 ئاللاھ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى(80ـ81).

38:82 ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن(82).

38:83 ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»(83).