مۇھەممەد سالىھ — 458

38:84 ئاللاھ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن(84).

38:85 سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن»(85).

38:86 ئېيتقىنكى، «(ئاللاھ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھىينى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن(86).

38:87 قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر(87).

38:88 بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»(‍88).

39:1 بۇ كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(1).

39:2 ساڭا بىز (بۇ) كىتابنى ھەقىقەتەن ھەق بىلەن (يەنى ھەقىقەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) نازىل قىلدۇق، دىنىڭنى شېرىكتىن (ۋە رىيادىن) ساپ قىلغىنىڭ ھالدا ئاللاھقا ئىبادەت قىلغىن(2).

39:3 بىلىڭلاركى، (شېرىكتىن ۋە رىيادىن) ساپ دىن ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ مەبۇدلىرىنى ھىمايىچى قىلىۋالغانلار: «بىزنىڭ ئۇلارغا چوقۇنۇشىمىز پەقەت ئۇلارنىڭ بىزنى ئاللاھقا يېقىنلاشتۇرۇشى ئۈچۈندۇر» (دەيدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن (قىيامەت كۈنى) ئۇلارنىڭ ئىختىلاپ قىلىشقان نەرسىلىرى ئۈستىدە ھۆكۈم چىقىرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن يالغانچىنى، (ئاللاھنىڭ نېمەتلىرىگە) كۇفرىلىق قىلغۇچىنى ھىدايەت قىلمايدۇ(3).

39:4 ئەگەر ئاللاھ بالا تۇتۇشنى خالىسا ئىدى، ئەلۋەتتە، مەخلۇقات ئىچىدىن خالىغاننى ئىختىيار قىلاتتى، ئاللاھ (بالا تۇتۇشتىن) پاكتۇر، ئۇ غالىب بىر ئاللاھتۇر(4).

39:5 ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ئاساسىدا ياراتتى. ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ ۋە كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى، ئۇلارنىڭ ھەر بىرى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، بىلىڭلاركى، ئۇ (يەنى ئاللاھ ئۆز ئىشىدا) غالىبتۇر. (بەندىلىرىنىڭ گۇناھلىرىنى) تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر(5).