مۇھەممەد سالىھ — 466

39:68 سۇر چېلىنغاندا ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ئاللاھ خالىغاندىن باشقا مەخلۇقاتلارنىڭ ھەممىسى ئۆلىدۇ، ئاندىن سۇر ئىككىنچى قېتىم چېلىنغاندا ناگاھان ئۇلار تۇرۇپ (نېمىگە بۇيرۇلىدىغانلىقلىرىغا) قاراپ تۇرىدۇ(68).

39:69 مەھشەرگاھ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى بىلەن يورۇيدۇ، نامە ـ ئەماللار ھازىر قىلىنىدۇ، پەيغەمبەرلەر ۋە گۇۋاھچىلار كەلتۈرۈلىدۇ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئادىل ھۆكۈم چىقىرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ(69).

39:70 ھەر ئادەمگە قىلغان ئەمەلىنىڭ مۇكاپات ياكى جازاسى تولۇق بېرىلىدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى ئوبدان بىلىدۇ(70).

39:71 كاپىرلار جەھەننەمگە توپ ـ توپ بولۇپ ھەيدىلىدۇ، ئۇلار جەھەننەمگە يېتىپ كەلگەندە، جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، جەھەننەمنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «ئاراڭلاردىن سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئايەتلىرىنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرىدىغان، بۈگۈنكى ئۇچرىشىشنىڭ بارلىقىدىن ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىگەنمۇ؟» دەيدۇ. ئۇلار: «شۇنداق (پەيغەمبەرلەر كەلگەن، بىزنى ئاگاھلاندۇرغان)، لېكىن ئازابقا دۇچار بولۇش ھۆكمى (كۇفرى ۋە قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن) كاپىرلارغا تېگىشلىك بولدى» دەيدۇ(71).

39:72 (ئۇلارغا) «جەھەننەمنىڭ دەرۋازىلىرىدىن كىرىڭلار، جەھەننەمدە مەڭگۈ قېلىڭلار، مۇتەكەببىرلارنىڭ جايى نېمىدېگەن يامان!» دېيىلىدۇ(72).

39:73 پەرۋەردىگارىغا تەقۋادارلىق قىلغانلار جەننەتكە توپ ـ توپ بولغان ھالدا ماڭدۇرۇلىدۇ، ھالبۇكى، ئۇلار جەننەتكە يېتىپ كەلگەن چاغدا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىپ بولغان بولىدۇ، جەننەتكە مۇئەككەل پەرىشتىلەر ئۇلارغا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، سىلەر (گۇناھلارنىڭ كىرلىرىدىن) پاك بولدۇڭلار، جەننەتكە كىرىڭلار، (ئۇنىڭدا) مەڭگۈ قېلىڭلار» دەيدۇ(73).

39:74 ئۇلار (جەننەتكە كىرىپ ئورۇنلاشقان چاغدا) ئېيتىدۇ: «جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇركى، ئۇ بىزگە قىلغان ۋەدىسىنى ئىشقا ئاشۇردى، جەننەتنىڭ زېمىنىغا بىزنى ۋارىس قىلدى. جەننەتتە ئۆزىمىز خالىغان جايدا تۇرىمىز، ئىشلىگۈچىلەرنىڭ ئەجرى (يەنى جەننەت) نېمىدېگەن ياخشى!»(74).