مۇھەممەد سالىھ — 472

40:41 ئى قەۋمىم! ماڭا نېمىكى، سىلەرنى مەن (دوزاختىن) قۇتۇلۇشقا دەۋەت قىلىۋاتسام، سىلەر مېنى دوزاخقا دەۋەت قىلىۋاتىسىلەرغۇ!(41)

40:42 سىلەر مېنى ئاللاھنى ئىنكار قىلىشقا، مەن بىلمەيدىغان نەرسىلەرنى ئۇنىڭغا شېرىك كەلتۈرۈشكە دەۋەت قىلىسىلەر، ھالبۇكى، مەن سىلەرنى غالىب، (بەندىلەرنىڭ گۇناھلىرىنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچى (ئاللاھ) قا دەۋەت قىلىمەن(42).

40:43 ھەقىقەتەن سىلەر مېنى ئۇنىڭغا (يەنى بۇتقا) ئىبادەت قىلىشقا چاقىرىسىلەر، ئۇنىڭ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە (ئۆزىگە ئىبادەت قىلىشقا) چاقىرغىنى يوق، بىزنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايىمىز ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، (گۇمراھلىقتا) ھەددىدىن ئاشقۇچىلار ئەھلى دوزاختۇر(43).

40:44 (سىلەرگە ئازاب نازىل بولغان چاغدا) سىلەرگە ئېيتقان سۆزۈمنىڭ (راستلىقىنى) ئەسلەيسىلەر، مەن ئىشىمنى ئاللاھقا تاپشۇرىمەن، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر»(44).

40:45 ئاللاھ ئۇنى پىرئەۋن جامائەسىنىڭ سۇيىقەستلىرىدىن ساقلىدى. پىرئەۋن جامائەسىگە ئەڭ يامان ئازاب چۈشتى(45).

40:46 ئۇلار ئەتىگىنى ـ ئاخشىمى ئوتقا توغرىلىنىپ تۇرىدۇ، قىيامەت قايىم بولغان كۈندە: «ئى پىرئەۋن جامائەسى! ئازابنىڭ ئەڭ قاتتىقىغا (دوزاخ ئوتىغا) كىرىڭلار!» (دېيىلىدۇ)(46).

40:47 ئۇ چاغدا ئۇلار دوزاختا ئۆزئارا مۇنازىرىلىشىدۇ، ئاجىز (ئەگەشكۈچىلەر) ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرىگە): «شۈبھىسىزكى، بىز سىلەرگە ئەگەشكەن ئىدۇق، بىزدىن دوزاخ ئازابىدىن بىر قىسىمىنى ئېلىپ تاشلىيالامسىلەر؟» دەيدۇ(47).

40:48 ھاكاۋۇر (ئەگەشتۈرگۈچىلىرى): «شۈبھىسىزكى، بىز ھەممىمىز دوزاختادۇرمىز، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلەرنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقاردى» دەيدۇ(48).

40:49 دوزاختىكىلەر دوزاخقا مۇئەككەل پەرىشتىلەرگە: «سىلەر پەرۋەردىگارىڭلارغا دۇئا قىلىڭلار، ئۇ بىزدىن بىر كۈنلۈك ئازابنى يېنىكلەتسە ئىكەن» دەيدۇ(49).