مۇھەممەد سالىھ — 492

43:34 ئۇلارنىڭ ئۆيلىرىنىڭ ئىشىكلىرىنى ۋە تەختلىرىنىمۇ كۈمۈشتىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلار تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇراتتى(34).

43:35 (يۇقىرىقىلارنىڭ بەزىسىنى) ئالتۇندىن قىلىپ بېرەتتۇق، ئۇلارنىڭ ھەممىسى پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكىدە پايدىلىنىدىغان نەرسىلەردۇر. پەرەۋردىگارىڭنىڭ ھۇزۇرىدىكى ئاخىرەت (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭدىكى نازۇنېمەتلەر) تەقۋادارلارغا خاستۇر(35).

43:36 كىمكى مېھرىبان ئاللاھنى ياد ئېتىشتىن (يەنى قۇرئاندىن) يۈز ئۆرۈيدىكەن، بىز ئۇنىڭغا شەيتاننى ھۆكۈمران قىلىمىز (شەيتان ئۇنى ۋەسۋەسە قىلىدۇ)، شەيتان ئۇنىڭغا ھەمىشە ھەمراھ بولىدۇ(36).

43:37 شەك ـ شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۇلارنى (يەنى ئازغۇن كۇففارلارنى) توغرا يولدىن توسىدۇ، ئۇلار بولسا ئۆزلىرىنى توغرا يولدا دەپ گۇمان قىلىدۇ(37).

43:38 كاپىر ئادەم (ھەمراھى بىلەن قىيامەت كۈنى) دەرگاھىمىزغا كەلگەن چاغدا (ھەمراھىغا): «كاشكى سەن بىلەن مېنىڭ ئارامدا شەرق بىلەن غەربنىڭ ئارىسىدەك ئارىلىق بولسا ئىكەن. (سەن) نېمىدېگەن يامان ھەمراھ! (چۈنكى سەن مېنىڭ بەختسىزلىكىمگە سەۋەبچى بولدۇڭ)» دەيدۇ(38).

43:39 (ئۇلارغا) «(دۇنيادىكى چاغدا) زۇلۇم قىلغانلىقىڭلار (يەنى شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار) ئۈچۈن بۈگۈن سىلەرنىڭ ئازابتا ئورتاق بولغانلىقىڭلار سىلەرگە پايدا بەرمەيدۇ» دېيىلىدۇ(39).

43:40 (ئى مۇھەممەد!) سەن گاسلارغا ئاڭلىتالامسەن؟ يا كورلارنى توغرا يولغا سالالامسەن؟ (يەنى كۇففارلار گاسلارغا، كورلارغا ئوخشايدۇ) ئاشكارا گۇمراھلىقتا بولغان كىشىنى ھىدايەت قىلالامسەن؟(40)

43:41 (ئۇلارنى جازالاشتىن ئىلگىرى) سېنى ئېلىپ كەتسەك (يەنى ۋاپات قىلدۇرساق ۋاپاتىڭدىن كېيىن) ئۇلارنى چوقۇم جازالايمىز(41).

43:42 ياكى بىز ساڭا (ھاياتىڭدا) ئۇلارغا ۋەدە قىلغان ئازابنى كۆرسىتىمىز، بىز، شۈبھىسىزكى، ئۇلارغا (يەنى ئۇلارغا ئازاب قىلىشقا) قادىرمىز(42).

43:43 (ئى مۇھەممەد!) ساڭا ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا چىڭ ئېسىلغىن، سەن ھەقىقەتەن توغرا يولدىدۇرسەن(43).

43:44 قۇرئان ساڭا ۋە سېنىڭ قەۋمىڭگە ئەلۋەتتە (ئۇلۇغ) شەرەپتۇر، سىلەر كەلگۈسىدە (بۇ نېمەت ئۈستىدە) سورىلىسىلەر(44).

43:45 سەندىن بۇرۇن بىز ئەۋەتكەن پەيغەمبەرلىرىمىزدىن سوراپ باققىنكى، مېھرىبان ئاللاھتىن باشقا ئىبادەت قىلىنىدىغان ئىلاھلارنى بەلگىلىدۇقمۇ؟ (پەيغەمبەرلەرنىڭ ئىچىدە ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلغىنى بارمۇ؟)(45)

43:46 بىز ھەقىقەتەن مۇسانى پىرئەۋنگە ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرىگە (ئۇنىڭ راست پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان شانلىق) مۆجىزىلىرىمىز بىلەن ئەۋەتتۇق، مۇسا (پىرئەۋنگە): «مەن ھەقىقەتەن جىمى ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ (سېنى ۋە قەۋمىڭنى بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشقا دەۋەت قىلىش ئۈچۈن ئەۋەتكەن) ئەلچىسىمەن» دېدى(46).

43:47 مۇسا ئۇلارغا بىزنىڭ مۆجىزىلىرىمىزنى ئېلىپ كەلگەندە، ئۇلار ناگاھان مۆجىزىلەرنى (مەسخىرە قىلىپ) كۈلدى(47).