مۇھەممەد سالىھ — 512

48:10 شۈبھىسىزكى، (ئى مۇھەممەد! ھۇدەيبىيەدە) ساڭا (رىزۋان) بەيئىتىنى قىلغانلار (ھەقىقەتتە) ئاللاھقا بەيئەت قىلغان بولىدۇ، ئاللاھنىڭ قولى ئۇلارنىڭ قولىنىڭ ئۈستىدىدۇر (يەنى ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان بەيئىتىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنى بەيئەت قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇكاپاتلايدۇ)، كىمكى ئەھدىنى بۇزىدىكەن، ئەھدىنى بۇزغانلىقىنىڭ زېيىنى ئۇنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئاللاھ بىلەن قىلغان ئەھدىسىگە ۋاپا قىلغانلارغا ئاللاھ بۈيۈك ئەجىر ئاتا قىلىدۇ(10).

48:11 (ھۇدەيبىيەگە چىقماي) قېلىپ قالغان (مۇناپىق) ئەئرابىيلار ساڭا: «بىز ماللىرىمىز، بالا ـ چاقىلىرىمىز بىلەن بولۇپ قېلىپ (سەن بىلەن چىقالمىدۇق)، بىز ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلغىن» دەيدۇ، ئۇلارنىڭ تىلى بىلەن ئېيتقىنى دىلىدىكى سۆز ئەمەس (يەنى ئۇلار يالغان ئۆزرە ئېيتىدۇ). ئېيتقىنكى، «ئەگەر ئاللاھ سىلەرگە بىرەر زىياننى ياكى پايدىنى ئىرادە قىلسا، كىم سىلەر ئۈچۈن ئاللاھنىڭ ئالدىدا بىرەر نەرسىگە دال بولالايدۇ؟ (يەنى كىم سىلەردىن ئاللاھنىڭ خاھىشى ۋە قازاسىنى توسىيالايدۇ؟) ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئىش سىلەر ئويلىغاندەك ئەمەس)، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن تولۇق خەۋەرداردۇر(11).

48:12 بەلكى سىلەر، پەيغەمبەر ۋە مۆمىنلەر ئائىلىسىگە مەڭگۈ قايتمايدۇ، دەپ گۇمان قىلدىڭلار، بۇ (گۇمراھلىق) دىللىرىڭلاردا چىرايلىق تۇيۇلدى، سىلەر يامان گۇماندا (يەنى ئۇلار ئۆلتۈرۈلۈپ بىرىمۇ ساق قايتمايدۇ دەيدىغان ئويدا) بولدۇڭلار، سىلەر ھالاك بولغۇچى قەۋم بولدۇڭلار»(12).

48:13 كىمكى ئاللاھ غا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىشەنمەيدىكەن(ئۇ كاپىردۇر)، شۈبھىسىزكى، بىز كاپىرلارغا دوزاخنى تەييارلىدۇق (13).

48:14 ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر، اﷲ خالىغان ئادەمگە مەغپىرەت قىلىدۇ، خالىغان ئادەمگە ئازاب قىلىدۇ، اﷲ ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر (14).

48:15 (ھۇدەيبىيىگە چىقماي) قېلىپ قالغانلار غەنىمەت ئېلىش ئۈچۈن چىققان ۋاقىتلىرىدا: «بىزمۇ سىلەر بىلەن چىقايلى» دەيدۇ، ئۇلار اﷲ نىڭ (خەيبەر غەنىمىتىنى ھۇدەيبىيىگە چىققانلارغا خاس قىلغانلىقتىن) ئىبارەت سۆزىنى ئۆزگەرتمەكچى بولىدۇ. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «بىز بىلەن چىقىشىڭلارغا ھەرگىز بولمايدۇ، اﷲ ئىلگىرى مۇشۇنداق دېگەن». ئۇلار: «ئۇنداق ئەمەس (يەنى اﷲ ئۇنداق دېمىگەن)، سىلەر بىزگە ھەسەت قىلىۋاتىسىلەر» دەيدۇ. ئۇنداق ئەمەس، ئۇلار (اﷲ نىڭ كالامىنى) پەقەت يۈزەگىنە چۈشىنىدۇ (15).