مۇھەممەد سالىھ — 514

48:24 ئاللاھ ئۇلارنى سىلەرگە قول سېلىشتىن توستى ھەمدە ئۇلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلغىنىڭلاردىن كېيىن، مەككىنىڭ ئىچىدە (يەنى ھۇدەيبىيەدە) سىلەرنى ئۇلارغا قول سېلىشىڭلاردىن توستى، ئاللاھ قىلىدىغان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(24).

48:25 ئۇلار كاپىر بولدى، سىلەرنى مەسجىدى ھەرەمدىن تۇتۇپ تۇرۇلغان قۇربانلىقنىڭ ئۆز جايىغا يېتىشتىن توستى،مەككىدە سىلەر بىلمەيدىغان ئەر ئايال مۆمىنلەر بولۇپ، سىلەر بىلمەستىن ئۇلارنى ئ‍ۆلتۈرۈپ قويۇش بىلەن گۇناھقا گىرىپتار بولۇشىڭلارنىڭ خەۋپى بولمىسا ئىدى<ئەلۋەتتە مەككىگە كىرشىڭلارغا رۇخىسەت قىلاتتى ۋە سىلەرنى كاپىرلارغا مۇسەللەت قىلاتتى .> اللە خالىغان ئادەمنى رەھمىتى< دائىرىسگە> كىرگۈزۈش ئ‍ۈچۈن <سىلەرنى مەككىنى فەتىھ قىلىشتىن توستى.>، ئەگەر ئۇلار ئايرىلسا <يەنى مۆمىنلەر كاپىرلاردىن ئايرىلسا>، ئۇلارنىڭ ئارسىدىكى كاپىرلارنى قاتتىق ئازاپ بىلەب ئازاپلايتۇق(25).

48:26 كاپىرلار قىزىق قانلىقىنى – جاھىلىيەت دەۋرىنىڭ قىزىق قانلىقىنى – دىللىرىغا پۈككەن چاغدا، ئاللاھ پەيغەمبىرىگە ۋە مۆمىنلەرگە تەمكىنلىكنى چۈشۈردى. ئۇلارغا تەقۋا كەلىمىسىنى (يەنى كەلىمە تەۋھىدنى) ئىختىيار قىلدى. مۆمىنلەر تەقۋا كەلىمىسىگە ئەڭ لايىق ئىدى ۋە ئۇنىڭ ئەھلى ئىدى، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر(26).

48:27 ئاللاھ پەيغەمبىرىگە، ھەق رەۋىشتە، ھەقىقىي راست چۈش كۆرسەتتى. (ئى مۇھەممەد! سەن ۋە ساھابىلىرىڭ) خۇدا خالىسا (دۈشمەندىن) ئەمىن بولغان، (بەزىلىرىڭلار) چاچلىرىڭلارنى چۈشۈرگەن ۋە (بەزىلىرىڭلار) قىرقىغان ھالدا، قورقماي چوقۇم مەسجىدى ھەرامغا كىرىسىلەر، ئاللاھ (سۈلھتىكى) سىلەر بىلمەيدىغان (پايدىنى) بىلىدۇ. ئاللاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن (سىلەرگە) يېقىن بىر غەلىبىنى (يەنى خەيبەرنىڭ پەتھىسىنى مۇيەسسەر) قىلدى(27).

48:28 ئاللاھ ھەق دىننى پۈتۈن دىنلاردىن ئۈستۈن قىلىش ئۈچۈن، پەيغەمبىرىنى ھىدايەت بىلەن ۋە ھەق دىن بىلەن ئەۋەتتى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى ئىكەنلىكىگە) گۇۋاھلىق بېرىشكە ئاللاھ يېتەرلىكتۇر(28).