مۇھەممەد سالىھ — 515

48:29 مۇھەممەد ئاللاھنىڭ رەسۇلىدۇر، ئۇنىڭ بىلەن بىرگە بولغان مۆمىنلەر كۇففارلارغا قاتتىقتۇر، ئۆزئارا كۆيۈمچاندۇر، ئۇلارنى رۇكۇ قىلغان، سەجدە قىلغان ھالدا كۆرىسەن. ئۇلار ئاللاھنىڭ پەزلىنى ۋە رازىلىقىنى تىلەيدۇ، ئۇلارنىڭ يۈزلىرىدە سەجدىنىڭ ئالامەتلىرى بار، ئەنە شۇ ئۇلارنىڭ تەۋراتتىكى سۈپىتىدۇر، ئۇلارنىڭ ئىنجىلدىكى سۈپىتى بولسا (ئۇلار) شاخ چىقارغان، كۈچلىنىپ چوڭايغان، ئاندىن ئۆز غولى بىلەن ئۆرە تۇرغان، بولۇقلۇقى ۋە كۆركەم كۆرۈنۈشى بىلەن دېھقانلارنى مەمنۇن قىلغان بىر زىرائەتكە ئوخشايدۇ، (مۆمىنلەرنى مۇنداق زىرائەتكە ئوخشىتىش) كۇففارلارنى خاپا قىلىش ئۈچۈندۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارغا مەغپىرەت ۋە كاتتا ئەجىر ۋەدە قىلدى(29).

49:1 ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھنىڭ ۋە ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرىنىڭ ئالدىدا (ھېچقانداق بىر ئىشنى ۋە سۆزنى) ئالدى بىلەن قىلماڭلار، ئاللاھتىن قورقۇڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (نىيىتىڭلارنى ۋە ئەھۋالىڭلارنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر(1).

49:2 ئى مۆمىنلەر! (رەسۇلۇللاھقا سۆز قىلغان چېغىڭلاردا) ئاۋازىڭلارنى پەيغەمبەرنىڭ ئاۋازىدىن يۇقىرى قىلماڭلار، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆزلەشكەندەك، پەيغەمبەرگە (توۋلاپ) يۇقىرى ئاۋازدا سۆز قىلماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۆزلىرىڭلار تۇيماستىن، (قىلغان ياخشى) ئەمەللىرىڭلار بىكار بولۇپ كېتىدۇ(2).

49:3 شۈبھىسىزكى، رەسۇلۇللاھنىڭ يېنىدا پەس ئاۋازدا گەپ قىلغانلارنىڭ دىللىرىنى ئاللاھ تەقۋا ئۈچۈن سىنىغان، ئۇلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا (يەنى جەننەتكە) ئېرىشىدۇ(3).

49:4 شۈبھىسىزكى، سېنى ھۇجرىلار (يەنى پاك ئاياللىرىڭنىڭ تۇرالغۇ جايلىرى) ئارقىسىدىن توۋلايدىغانلارنىڭ تولىسى ئەقىلسىز كىشىلەردۇر(4).