مۇھەممەد سالىھ — 523

51:52 ئۇلاردىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرمۇ شۇنداق ئىدى، ئۇلارغا ھەر پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇلار (ئۇنى): «بىر سېھرىگەر ياكى بىر مەجنۇن» دېدى(52).

51:53 ئۇلار (پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلىشنى) بىر ـ بىرىگە تەۋسىيە قىلىشقانمۇ؟ ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس (يەنى ئۇلار بىر ـ بىرىگە ئۇنداق تەۋسىيە قىلىشقان ئەمەس) ئۇلار ھەددىدىن ئاشقۇچى قەۋمدۇر(53)

51:54 ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگىن، سەن مالامەت قىلىنغۇچى ئەمەسسەن(54).

51:55 ـ نەسىھەت قىلغىن، ۋەز ـ نەسىھەت مۆمىنلەرگە پايدىلىق(55).

51:56 جىنلارنى، ئىنسانلارنى پەقەت ماڭا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈنلا ياراتتىم(56).

51:57 ئۇلاردىن مەن رىزىق تىلىمەيمەن ۋە ئۇلارنىڭ مېنى ئوزۇقلاندۇرۇشىنى تىلىمەيمەن(57).

51:58 ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىگە رىزىق بەرگۈچىدۇر، قۇدرەتلىكتۇر، (ئاللاھنىڭ) قۇۋۋىتى ئارتۇقتۇر(58).

51:59 (ئۆزلىرىگە) زۇلۇم قىلغانلاردىن (ئازابتىن) ئۆتكەنكى (ھالاك بولغان) دوستلىرىنىڭ نېسىۋىسىدەك نېسىۋىسى بولىدۇ، بۇلار (ئازابىمغا) ئالدىراتمىسۇن(59).

51:60 كاپىرلارغا ۋەدە قىلىنغان كۈندىن كاپىرلارغا ۋاي!(60).

52:1 تۇر تېغى بىلەن قەسەمكى(1)،

52:2 ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى(2ـ3)،

52:3 ئوچۇق قەغەزگە يېزىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) بىلەن قەسەمكى(2ـ3)،

52:4 بەيتۇلمەئمۇر بىلەن قەسەمكى(4)،

52:5 ئاسمان بىلەن قەسەمكى(5)،

52:6 (قىيامەت كۈنى) ئوت بولۇپ ياندۇرۇلغان دېڭىز بىلەن قەسەمكى(6)،

52:7 پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئازابى چوقۇم يۈز بەرگۈسىدۇر(7).

52:8 ئۇنىڭغا ھېچ ئادەم قارشى تۇرالمايدۇ(8).

52:9 ئۇ كۈندە ئاسمان قاتتىق تەۋرەيدۇ(9).

52:10 تاغلار قاتتىق سەير قىلىدۇ (يەنى زېمىننىڭ ئۈستىدىن توزۇپ يوقىلىپ كېتىدۇ)(10).

52:11 ئۇ كۈندە (پەيغەمبەرلەرنى) ئىنكار قىلغانلارغا ۋاي!(11).

52:12 ئۇلار (دۇنيادا) غەپلەتكە چۆمگەنلەردۇر(12).

52:13 ئۇ كۈندە ئۇلار دوزاخقا قاتتىق ئىتتىرىلىدۇ(13).

52:14 (ئۇلارغا) «مانا بۇ سىلەر يالغانغا چىقارغان دوزاختۇر» (دېيىلىدۇ)(14).