مۇھەممەد سالىھ — 537

56:77 شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئۇ ئۇلۇغ قۇرئاندۇر(77).

56:78 كىتابتا (يەنى لەۋھۇلمەھپۇزدا) ساقلانغاندۇر(78).

56:79 ئۇنى پەقەت پاك بولغانلارلا تۇتىدۇ(79).

56:80 ئۇ ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(80).

56:81 (ئى كۇففارلار جامائەسى!) بۇ قۇرئاننى ئىنكار قىلامسىلەر؟(81)

56:82 (سىلەر ئاللاھنىڭ رىزىق بەرگەنلىكىگە) شۈكۈر قىلىشنىڭ ئورنىغا (رىزىق بەرگۈچىنى) ئىنكار قىلامسىلەر؟(82)

56:83 جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر(83ـ84).

56:84 جان ھەلقۇمغا يەتكەن چاغدا (سەكراتتىكى كىشىگە) قاراپ تۇرىسىلەر(83ـ84).

56:85 بىز (ئىلمىمىز ۋە قۇدرىتىمىز بىلەن) ئۇنىڭغا سىلەردىن يېقىنمىز، لېكىن سىلەر (ئۇنى) كۆرمەيسىلەر (يەنى بىلمەيسىلەر)(85).

56:86 ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار(86ـ87).

56:87 ئەگەر (سىلەر گۇمان قىلغاندەك ئەمەلىڭلارغا قاراپ) جازاغا تارتىلمايدىغان بولساڭلار نېمىشقا ئۇنى (يەنى ئۇ مېيىتنىڭ جېنىنى بەدىنىگە) قايتۇرمايسىلەر؟ ئەگەر (سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار(86ـ87).

56:88 ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ(88ـ89).

56:89 ئەگەر ئۇ مېيىت مۇقەررەبلەردىن (يەنى تائەت ـ ئىبادەت ۋە ياخشى ئىشلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلغۇچىلاردىن) بولىدىغان بولسا، (ئۇنىڭ مۇكاپاتى) راھەت ـ پاراغەت، ياخشى رىزىق ۋە نازۇنېمەتلىك جەننەت بولىدۇ(88ـ89).

56:90 ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. (90ـ91)

56:91 ئەگەر ئۇ سائادەتمەنلەردىن بولىدىغان بولسا«ساڭا سالام، سەن سائادەتمەنلەردىن ئىكەنسەن» دېيىلىدۇ. (90ـ91)

56:92 ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ(92ـ93).

56:93 ئەگەر ئۇ تىرىلىشنى ئىنكار قىلغۇچى گۇمراھلاردىن بولىدىغان بولسا، يۇقىرى ھارارەتلىك قايناقسۇ بىلەن كۈتۈۋېلىنىدۇ(92ـ93).

56:94 جەھەننەمدە كۆيدۈرۈلىدۇ(94).

56:95 شەك ـ شۈبھىسىزكى، بۇ ئېنىق ھەقىقەتتۇر(95).

56:96 ئۇلۇغ پەرۋەردىگارىڭنى (مۇشرىكلارنىڭ ئېتىرازلىرىدىن) پاك ئېتىقاد قىلغىن(96).

57:1 ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتتى، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(1).

57:2 ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ئۆلتۈرەلەيدۇ، تىرىلدۈرەلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(2).

57:3 ئاللاھنىڭ ئىپتىداسى يوقتۇر، ئىنتىھاسى يوقتۇر (يەنى ئۇ ھەممە نەرسە يوق ۋاقىتتىمۇ بار ئىدى، ھەممە نەرسە يوقالغاندىن كېيىنمۇ بار)، (ئاللاھ) ئاشكارىدۇر (يەنى مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتكۈچى دەلىللەر بىلەن ئەقىللەرگە ئاشكارىدۇر)، مەخپىيدۇر (يەنى ئۇنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭ زاتىنىڭ ماھىيىتىنى تونۇشقا ئەقىللەر ئېرىشەلمەيدۇ)، ئاللاھ ھەممە نەرسىنى بىلگۈچىدۇر(3).