مۇھەممەد سالىھ — 557

64:10 ئاللاھنىڭ (بىرلىكىنى ۋە قۇدرىتىنى) ئىنكار قىلغانلار، ئايەتلىرىمىزنى يالغانغا چىقارغانلار ئەھلى دوزاخ بولۇپ، ئۇلار دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!(10)

64:11 كىشىگە يەتكەن ھەر قانداق مۇسىبەت پەقەت ئاللاھنىڭ ئىزنى (يەنى قازاسى) بىلەنلا (يېتىدۇ)، كىمكى ئاللاھقا (يەنى ھەر قانداق مۇسىبەت ئاللاھنىڭ قازاسى بىلەن يېتىدۇ دېگەن سۆزگە) ئىشىنىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ قەلبىنى (سەۋرگە) يېتەكلەيدۇ، ئاللاھ ھەر نەرسىنى بىلگۈچىدۇر(11).

64:12 ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر (پەيغەمبەرنىڭ دەۋىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار (پەيغەمبەرگە زىيان يوق، ئۆزۈڭلارغا زىيان)، پەيغەمبىرىمىزنىڭ ۋەزىپىسى پەقەت (دەۋەتنى) روشەن تەبلىغ قىلىشتۇر(12).

64:13 ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۆمىنلەر ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسۇن(13).

64:14 ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلاردىن، بالىلىرىڭلاردىن سىلەرگە دۈشمەن بولىدىغانلىرىمۇ بار، ئۇلاردىن ئېھتىيات قىلىڭلار، ئەگەر (ئۇلارنى) ئەپۇ قىلساڭلار، كەچۈرسەڭلار، مەغپىرەت قىلساڭلار (ئاللاھ سىلەرنىمۇ مەغپىرەت قىلىدۇ). ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ناھايىتى مېھرىباندۇر(14).

64:15 سىلەرنىڭ ماللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار (سىلەرگە ئاللاھ تەرىپىدىن) بىر تۈرلۈك سىناقتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا كاتتا ساۋاب بار(15).

64:16 تاقىتىڭلارنىڭ يېتىشىچە ئاللاھقا تەقۋادارلىق قىلىڭلار، (ۋەزىنى) ئاڭلاڭلار، (ئەمرىگە) ئىتائەت قىلىڭلار، (ئاللاھنىڭ يولىدا ماللىرىڭلارنى) سەرپ قىلىڭلار، (بۇ) ئۆزۈڭلار ئۈچۈن پايدىلىقتۇر. كىمكى نەپسىنىڭ بېخىللىقىدىن ساقلىنىدىكەن، ئۇ مەقسىتىگە ئېرىشكۈچىدۇر(16).

64:17 ئاللاھقا قەرزى ھەسەنەقەرزى ھەسەنە بەرسەڭلار (يەنى مەمنۇنىيەت بىلەن پۇل – مال سەرپ قىلساڭلار)، ئاللاھ سىلەرگە ئۇنى ھەسسىلەپ بېرىدۇ، سىلەرگە مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاللاھ ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر، ھەلىمدۇر (يەنى بەندىلىرىنى ئازابلاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)(17).

64:18 (ئاللاھ) غەيبنى ۋە ئاشكارىنى بىلگۈچىدۇر، غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(18).