مۇھەممەد سالىھ — 561
66:8 ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا سەمىمىي تەۋبە قىلىڭلار. ئۈمىدكى، پەرۋەردىگارىڭلار سىلەرنىڭ گۇناھىڭلارنى يوققا چىقىرىدۇ. سىلەرنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ. ئۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) ئاللاھ پەيغەمبەرنى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە بولغان مۆمىنلەرنى رەسۋا قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نۇرى ئۇلارنىڭ ئالدىدا ۋە ئوڭ تەرىپىدە يۈرىدۇ. ئۇلار: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە نۇرىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ بەرگىن، بىزگە مەغپىرەت قىلغىن، سەن بولساڭ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىرسەن» دەيدۇ(8).
66:9 ئى پەيغەمبەر! سەن كۇففار ۋە مۇناپىقلار بىلەن كۈرەش قىلغىن. ئۇلارغا قاتتىق مۇئامىلە قىلغىن. ئۇلارنىڭ جايى جەھەننەمدۇر، جەھەننەم نېمىدېگەن يامان جاي!(9).
66:10 ئاللاھ كۇففارلارغا (ئۇلارنىڭ مۆمىنلەر بىلەن تۇغقانچىلىقىنىڭ پايدا بەرمەسلىكىدە) نۇھنىڭ ئايالىنى ۋە لۇتنىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۇلار بولسا بىزنىڭ بەندىلىرىمىزدىن ئىككى ياخشى بەندىمىزنىڭ ئەمرىدە ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى ئەرلىرىگە (ئىمان ئېيتماسلىق بىلەن) خىيانەت قىلدى. ئۇلارنىڭ ئەرلىرى (يەنى نۇھ بىلەن لۇت) (پەيغەمبەر تۇرۇقلۇق) ئۇلاردىن ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ھېچ نەرسىنى دەپئى قىلالمىدى. (ئۇ ئىككىسىگە) «دوزاخقا كىرگۈچىلەر بىلەن بىللە كىرىڭلار» دېيىلدى(10).
66:11 ئاللاھ ئىمان ئېيتقانلارغا پىرئەۋننىڭ ئايالىنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى. ئۆز ۋاقتىدا ئۇ: «ئى پەرۋەردىگارىم! دەرگاھىڭدا ماڭا جەننەتتە بىر ئۆي بىنا قىلغىن، مېنى پىرئەۋندىن ۋە ئۇنىڭ يامان ئەمەلىدىن قۇتۇلدۇرغىن، مېنى زالىم قەۋمدىن قۇتۇلدۇرغىن» دېدى(11)
66:12 ھەمدە ئىمراننىڭ قىزى مەريەمنى مىسال قىلىپ كۆرسەتتى، ئۇ ئىپپىتىنى ساقلىدى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئىيساغا ھامىلىدار بولدى). ئۇ پەرۋەردىگارىنىڭ سۆزلىرىنى ۋە (نازىل قىلغان) كىتابلىرىنى تەستىق قىلدى ۋە ئاللاھقا ئىتائەت قىلغۇچىلاردىن بولدى(12).