مۇھەممەد سالىھ — 579

76:6 (ئۇ كافۇر جەننەتتىكى بىر) بۇلاقتىن ئېتىلىپ چىققان بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاللاھنىڭ (ياخشى) بەندىلىرى ئىچىدۇ، ئۇ بۇلاقنى ئۇلار (خالىغان جايلىرىغا) ئېقىتىپ بارالايدۇ(6).

76:7 ئۇلار ئۆز ئۈستىگە قەسەم ئىچىپ ئالغان ئىشنى ئورۇنلايدۇ ۋە دەھشىتى كەڭ دائىرىلىك بولغان كۈندىن (يەنى قىيامەت كۈنىدىن) قورقىدۇ(7).

76:8 ئۆزى موھتاج تۇرۇقلۇق، مىسكىنگە، يېتىمگە ۋە ئەسىرگە تائام بېرىدۇ(8).

76:9 (ئۇلار ئېيتىدۇ) «سىلەرگە بىز ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن تائام بېرىمىز، سىلەردىن (بۇنىڭ بەدىلىگە) ھېچقانداق مۇكاپات ۋە تەشەككۈر تەلەپ قىلمايمىز(9).

76:10 شۈبھىسىزكى، بىز پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن مەيدانغا كەلتۈرۈلگەن ئېغىر، قاتتىق كۈندىن قورقىمىز»(10).

76:11 ئاللاھ ئۇلارنى شۇ كۈننىڭ شەررىدىن ساقلايدۇ، ئۇلارنىڭ (يۈزلىرىگە) نۇر، (دىللىرىغا) خۇشاللىق ئاتا قىلىدۇ(11).

76:12 ئۇلارنىڭ سەۋر ـ تاقەتلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جەننەت بىلەن ۋە (ئۇ يەردىكى) يىپەك (لىباسلار) بىلەن مۇكاپاتلايدۇ(12).

76:13 ئۇلار جەننەتتە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتتە قاتتىق ئىسسىقنىمۇ، قاتتىق سوغۇقنىمۇ كۆرمەيدۇ(13).

76:14 جەننەتتىكى (دەرەخلەرنىڭ) سايىلىرى ئۇلارغا يېقىندۇر، جەننەتنىڭ مېۋىلىرىنى ئۈزۈش ئۇلارغا ئاسان قىلىنىدۇ(14).

76:15 ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ)(15ـ16).

76:16 ئۇلارغا (تاماق قاچىلانغان) كۈمۈش تەخسىلەر، (مەي تولدۇرۇلغان) كۈمۈشتىن ياسالغان (شىشىدەك سۈزۈك) جاملار ئايلاندۇرۇپ سۇنۇلۇپ تۇرىدۇ، (ساقىيلار، ئۇلارنىڭ ئېھتىياجىغا قاراپ) لايىق ئۆلچەيدۇ (يەنى ئىچكۈچىلەرنىڭ ئېھتىياجىدىن ئېشىپمۇ قالمايدۇ، كېمىپمۇ قالمايدۇ)(15ـ16).

76:17 ئۇلارغا يەنە جەننەتتە زەنجىبىل ئارىلاشتۇرۇلغان جاملار (يەنى جامدىكى مەيلەر) سۇنۇلىدۇ(17).

76:18 جەننەتتە سەلسەبىل دەپ ئاتىلىدىغان بىر بۇلاقمۇ بار(18).

76:19 قېرىماي ھەمىشە ياش تۇرىدىغان غىلمانلار نۆۋەت بىلەن ئۇلارنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ تۇرىدۇ، ئۇلارنى كۆرگەن چېغىڭدا (ئۇلارنىڭ گۈزەللىكى، سۈزۈكلۈكى ۋە نۇرلۇقلۇقىغا قاراپ) ئۇلارنى تېرىلىپ كەتكەن مەرۋايىتمىكىن دەپ قالىسەن(19).

76:20 قاچانكى سەن قارايدىغان بولساڭ، بۇ يەردە (تەسۋىرلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان) نېمەتلەرنى ۋە كاتتا پادىشاھلىقنى كۆرۈسەن(20).

76:21 ئۇلارنىڭ ئۇچىسىدا يۇپقا يىپەك ۋە قېلىن يىپەكتىن (تەييارلانغان) يېشىل كىيىملەر بولىدۇ، (ئۇلار) كۈمۈش ئۈزۈكلەرنى تاقايدۇ، پەرۋەردىگارى ئۇلارغا پاك شاراب سۇنىدۇ(21).

76:22 شۈبھىسىزكى، بۇ سىلەرگە بېرىلگەن مۇكاپاتتۇر، سىلەرنىڭ مېھنىتىڭلار قوبۇل بولدى(22).

76:23 (ئى مۇھەممەد!) ھەقىقەتەن بىز ساڭا قۇرئاننى بۆلۈپ ـ بۆلۈپ نازىل قىلدۇق(23).

76:24 سەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ھۆكمىگە سەۋر قىلغىن، سەن ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھېچبىر گۇناھكارغا ياكى كۇفرىلىق قىلغۇچىغا بويسۇنمىغىن(24).

76:25 ئەتىگەن ـ ئاخشامدا پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامىنى ياد قىلغىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن، پەرۋەردىگارىڭغا كۆپ تائەت ـ ئىبادەت قىلغىن)(25).