مۇھەممەد سالىھ — 583

78:31 شۈبھىسىزكى، تەقۋادارلار نېمەتكە ئېرىشىدۇ(31).

78:32 (ئۇ نېمەت) باغلار، ئۈزۈملەردۇر(32).

78:33 تەڭتۇش قىزلاردۇر(33).

78:34 (شاراب بىلەن) تولدۇرۇلغان جاملاردۇر(34).

78:35 ئۇلار جەننەتتە يالغان سۆز، بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ(35).

78:36 (ئەنە شۇلار) پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەرگەن مۇكاپاتى، يېتەرلىك ئاتاسىدۇر(36).

78:37 ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر. ناھايىتى شەپقەتلىكتۇر. (ئۇ كۈندە ھېچ كىشى) ئۇنىڭغا سۆز قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ(37).

78:38 جىبرىئىل ۋە پەرىشتىلەر سەپ بولۇپ تۇرۇپ كېتىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)، ئۇلار(نىڭ ئارىسىدا) مېھرىبان ئاللاھنىڭ ئىزنىگە ئېرىشكەن ۋە توغرا سۆزنى قىلغانلاردىن باشقا ھېچ ئەھەدىنىڭ سۆز قىلىشىغا بولمايدۇ(38).

78:39 ئەنە شۇ چوقۇم بولىدىغان كۈندۇر. كىمكى (ئىمان بىلەن، ياخشى ئەمەل بىلەن) پەرۋەردىگارىغا قايتىدىغان يولنى تۇتۇشنى خالىسا (تۇتسۇن)(39).

78:40 بىز سىلەرنى ھەقىقەتەن (يۈز بېرىشى) يېقىن ئازابتىن (يەنى ئاخىرەت ئازابىدىن) ئاگاھلاندۇردۇق، ئۇ كۈندە كىشى ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنى كۆرىدۇ. كاپىر: «كاشكى مەن تۇپراق بولۇپ كەتكەن بولسامچۇ!» دەيدۇ(40).

79:1 (كۇففارلارنىڭ جانلىرىنى) قاتتىق تارتىپ ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(1)،

79:2 (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى) سىلىق ئالغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(2)،

79:3 (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئاسماندىن) تېز ئېلىپ چۈشكۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(3)،

79:4 (مۆمىنلەرنىڭ جانلىرىنى ئېلىپ جەننەتكە) ئىلگىرلىگۈچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى(4)،

79:5 (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن) كائىناتنىڭ ئىشلىرىنى باشقۇرغۇچى پەرىشتىلەر بىلەن قەسەمكى، (سىلەر چوقۇم تىرىلدۈرۈلىسىلەر، سىلەردىن چوقۇم ھېساب ئېلىنىدۇ)(5).

79:6 بۇ كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) دە زېمىن (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ(6).

79:7 ئۇنىڭ ئارقىسىدىنلا ئاسمان (ۋە ئۇنىڭدىكى شەيئىلەر قوشۇلۇپ) تەۋرەيدۇ(7).

79:8 بۇ كۈندە دىللارنى (يەنى كۇففارلارنىڭ دىللىرىنى) قورقۇنچ باسىدۇ(8).

79:9 شۇ (دىللارنىڭ ئىگىلىرىنىڭ) كۆزلىرى (قورقۇنچتىن) تىكىلىپ قارىيالمايدۇ(9).

79:10 ئۇلار ئېيتىدۇ: «راستلا بىز ئاۋۋالقى ھالىمىزغا قايتۇرۇلامدۇق؟ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلەمدۇق؟)(10)

79:11 ئۇ بىزنىڭ چىرىگەن سۆڭەك بولۇپ قالغان ۋاقتىمىز ئەمەسمۇ؟»(11)

79:12 ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق بولىدىغان بولسا، بۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) زىيانلىق قايتىشتۇر (يەنى بىز ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىدىغان بولساق، دوزاخ ئەھلى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن زىيان تارتقۇچىلارمىز)»(12).

79:13 بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ(13ـ14).

79:14 بىر سەيھە (يەنى ئىسراپىلنىڭ سۇر چېلىشى) بىلەنلا ئۇلار (يەنى جىمى خالايىق) (يەر ئاستىدىن) زېمىننىڭ ئۈستىگە چىقىپ قالىدۇ(13ـ14).

79:15 ساڭا مۇسانىڭ خەۋىرى كەلدىمۇ؟(15)

79:16 ئۆز ۋاقتىدا ئۇنى پەرۋەردىگارى تۇۋا ناملىق مۇقەددەس ۋادىدا (مۇنداق دەپ) چاقىردى:(16)