مۇھەممەد سالىھ — 587

82:1 ئاسمان يېرىلغان چاغدا(1)،

82:2 يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا(2)،

82:3 دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا(3)،

82:4 قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا(4)،

82:5 ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ(5).

82:6 ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟(6)

82:7 ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى(7).

82:8 سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى(8).

82:9 ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر(9).

82:10 ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار(10).

82:11 ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ(11).

82:12 ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ(12).

82:13 مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ(13)،

82:14 كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ(14).

82:15 ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ(15).

82:16 ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ(16).

82:17 قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(17)

82:18 قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(18)

82:19 ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر(19).

83:1 (ئۆلچەمدە ۋە تارازىدا) كەم بەرگۈچىلەرگە ۋاي!(1)

83:2 ئۇلار كىشىلەردىن ئۆلچەپ ئالغان چاغدا، تولۇق ئالىدۇ(2).

83:3 كىشىلەرگە ئۆلچەپ ياكى تارتىپ بەرگەن چاغدا، كەم بېرىدۇ(3).

83:4 ئۇلار بۈيۈك بىر كۈندە تىرىلىدىغانلىقىغا ئىشەنمەمدۇ(4ـ5).