مۇھەممەد سالىھ — 600

100:6 ئىنسان ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىنىڭ (نېمەتلىرىنى) شەكسىز ئىنكار قىلغۇچىدۇر(6).

100:7 ئىنسان ھەقىقەتەن ئۇنىڭغا (يەنى ئاللاھنىڭ نېمىتىنى ئىنكار قىلغانلىقىغا) ئەلۋەتتە ئۆزى گۇۋاھتۇر(7).

100:8 ئىنسان پۇل ـ مالغا ئىنتايىن ھېرىستۇر(8).

100:9 قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟(9ـ11)

100:10 قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟(9ـ11)

100:11 قەبرىلەردىكى ئۆلۈكلەر (سىرتقا) چىقىرىلغان، دىللاردىكى سىرلار ئاشكارا قىلىنغان چاغدا، ئۇلارنىڭ ھەممە ئەھۋالىدىن پەرۋەردىگارىنىڭ ھەقىقەتەن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى (بۇ نادان ئىنسان) بىلمەمدۇ؟(9ـ11)

101:1 قىيامەت(1)،

101:2 قىيامەت نېمىدۇر(2).

101:3 قىيامەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى قانداق بىلەلەيسەن؟(3)

101:4 شۇ كۈندە ئىنسانلار تارىلىپ كەتكەن پەرۋانىدەك بولۇپ كېتىدۇ(4).

101:5 تاغلار ئېتىلغان يۇڭدەك بولۇپ كېتىدۇ(5).

101:6 تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ(6ـ7).

101:7 تارازىسى ئېغىر كەلگەن (يەنى ياخشىلىقلىرى يامانلىقلىرىنى بېسىپ چۈشكەن) ئادەمگە كەلسەك، ئۇ كۆڭۈللۈك تۇرمۇشتا (يەنى نازۇنېمەتلىك جەننەتتە) بولىدۇ(6ـ7).

101:8 تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ(8ـ9).

101:9 تارازىسى يېنىك كەلگەن (يەنى يامانلىقلىرى ياخشىلىقلىرىنى بېسىپ كەتكەن، يا ياخشىلىقى بولمىغان) ئادەمگە كەلسەك، ئۇنىڭ جايى ھاۋىيە بولىدۇ(8ـ9).

101:10 ھاۋىيەنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى سەن قانداق بىلەلەيسەن؟(10)

101:11 ھاۋىيە قىزىق ئوتتۇر(11).

102:1 تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى(1ـ2).

102:2 تاكى قەبرىلەرنى زىيارەت قىلغىنىڭلارغا (يەنى قەبرىلەرگە كۆمۈلگىنىڭلارغا) قەدەر، (پۇل ـ مال، بالىلار بىلەن) پەخىرلەنمەك سىلەرنى غەپلەتتە قالدۇردى(1ـ2).

102:3 راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر(3).

102:4 ئاندىن راستلا كەلگۈسىدە بىلىسىلەر(4).

102:5 ئەگەر سىلەر راستلا ھەقىقىي بىلسەڭلار (غەپلەتتە قالماڭلار)(5).

102:6 سىلەر چوقۇم جەھەننەمنى كۆرىسىلەر(6).

102:7 ئاندىن ئۇنى چوقۇم ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرىسىلەر(7).

102:8 ئاندىن (دۇنيادا سىلەرگە بېرىلگەن) نېمەتلەردىن سوئال ـ سوراق قىلىنىسىلەر(8).