مۇھەممەد سالىھ — 602

106:1 قۇرەيش قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن(1)،

106:2 ئۇلار قىشلىق ۋە يازلىق سەپىرىدە قوغدالغانلىقلىرى ئۈچۈن(2)،

106:3 بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى(3ـ4).

106:4 بۇ ئۆي (يەنى بەيتۇللاھ) نىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلسۇنكى، ئۇ ئۇلارنى ئاچلىقتا ئوزۇقلاندۇردى، ئۇلارنى قورقۇنچتىن ئەمىن قىلدى(3ـ4).

107:1 دىننى ئىنكار قىلغان ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟(1)

107:2 ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر(2ـ3)،

107:3 ئۇ يېتىمنى دۆشكەلەيدىغان، مىسكىنگە تاماق بېرىشنى تەرغىب قىلمايدىغان ئادەمدۇر(2ـ3)،

107:4 شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر (4ـ5).

107:5 شۇنداق ناماز ئوقۇغۇچىلارغا ۋايكى، ئۇلار نامازلىرىدىن غەپلەتتىدۇر (4ـ5).

107:6 نامازنى رىيا قىلىدىغانلاردۇر (6).

107:7 ئۇلار قولقا بەرمەيدۇ(7).

108:1 بىز ساڭا ھەقىقەتەن نۇرغۇن ياخشىلىقلارنى ئاتا قىلدۇق(1).

108:2 پەرۋەردىگارىڭ ئۈچۈن ناماز ئوقۇغىن ۋە قۇربانلىق قىلغىن(2).

108:3 ھەقىقەتەن سېنىڭ دۈشمىنىڭنىڭ نام ـ نىشانى قالمايدۇ(3).