مۇھەممەد سالىھ — 68

3:141 مۆمىنلەرنى (ئۇلارغا يەتكەن مۇسىبەت ئارقىلىق) پاكلىشى ئۈچۈندۇر، كاپىرلارنى يوق قىلىشى ئۈچۈندۇر(141).

3:142 (ئى مۆمىنلەر جامائەسى!) ئاللاھ سىلەردىن (ھەقىقىي) جىھاد قىلغانلارنى ۋە (جىھادنىڭ جاپا ـ مۇشەققەتلىرىگە) چىدىغۇچىلارنى بىلمەي (يەنى ئايرىماي) تۇرۇپ، (پەقەت ئاغزىڭلاردا ئىمان ئېيتتۇق دېيىش بىلەنلا) جەننەتكە كىرىشنى ئويلامسىلەر؟(142).

3:143 سىلەر ئۆلۈم (يەنى دۈشمەن) بىلەن ئۇچرىشىشتىن ئىلگىرى ئۇنى ئارزۇ قىلاتتىڭلار، مانا ئۇنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار (143).

3:144 مۇھەممەد پەقەت بىر پەيغەمبەردۇر، ئۇنىڭدىن بۇرۇن كۆپ پەيغەمبەرلەر ئۆتتى (ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ئۆز ئەجىلى بىلەن ئۆلگەن، بەزىلىرى باشقىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن)؛ ئۇ ۋاپات بولسا ياكى ئۆلتۈرۈلسە، ئارقاڭلارغا يېنىۋالامسىلەر؟ (يەنى ئىماندىن يېنىپ مۇرتەد بولامسىلەر؟) كىمكى ئارقىسىغا يېنىۋالىدىكەن (يەنى مۇرتەد بولىدىكەن)، ئۇ ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ. ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايدۇ(144).

3:145 ھېچ كىشى ئاللاھنىڭ ئىزنىسىز ئۆلمەيدۇ، ئاللاھ ھەر ئادەمنىڭ ئەجىلىنى پۈتۈۋەتكەن (يەنى ئادەمنىڭ ئۆمرىنى قورقۇنچاقلىق ئۇزارتالمايدۇ، باتۇرلۇق قىسقارتالمايدۇ). كىمكى دۇنيا ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى بېرىمىز (ئۇنىڭ ئاخىرەتلىكتىن نېسىۋىسى بولمايدۇ)؛ كىمكى ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى كۆزلىسە، ئۇنىڭغا ئاخىرەتنىڭ ساۋابىنى بېرىمىز، شۈكۈر قىلغۇچىلارنى مۇكاپاتلايمىز(145).

3:146 نۇرغۇن پەيغەمبەرلەر بىلەن كۆپلىگەن خۇداگۇي ئۆلىمالار بىرلىكتە جەڭ قىلدى. ئۇلار ئاللاھ يولىدا يەتكەن كۈلپەتلەردىن روھسىزلانمىدى، بوشاشمىدى، باش ئەگمىدى، ئاللاھ ئۆزىنىڭ يولىدا دۇچ كەلگەن قىيىنچىلىقلارغا چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى دوست تۇتىدۇ(146).

3:147 ئۇلارنىڭ سۆزى پەقەت: «پەرۋەردىگارىمىز! گۇناھلىرىمىزنى، ئىشىمىزدا چەكتىن ئاشقانلىقىمىزنى مەغپىرەت قىلغىن، قەدەملىرىمىزنى مۇستەھكەم قىلغىن ۋە كاپىر قەۋمگە قارشى بىزگە ياردەم بەرگىن» دېگەندىن باشقا بولمىدى(147).

3:148 ئاللاھ ئۇلارغا دۇنيانىڭ ساۋابىنى (يەنى دۈشمەنلەر ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشنى) ۋە ئاخىرەتنىڭ ئەڭ ياخشى مۇكاپاتىنى (يەنى جەننەت ۋە ئۇنىڭ نېمەتلىرىنى) ئاتا قىلدى، ئاللاھ ياخشىلىق قىلغۇچىلارنى دوست تۇتىدۇ(148).