مۇھەممەد سالىھ — 87

4:52 ئەنە شۇلار ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلغان كىشىلەردۇر؛ ئاللاھ كىمنى رەھمىتىدىن يىراق قىلىدىكەن، ئۇنىڭغا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچبىر مەدەتكار تاپالمايسەن(52).

4:53 ياكى ئۇلارنىڭ پادىشاھلىقتىن نېسىۋىسى بارمۇ؟ (ھېچقانداق نېسىۋىسى يوق) ئەگەر بولىدىغان بولسا، (زىيادە بېخىللىقتىن) ئۇلار كىشىلەرگە قىلچىلىك نەرسە بەرمەيدۇ(53).

4:54 ياكى ئۇلار ئاللاھ ئۆز پەزلىدىن كىشىلەرگە بەرگەن نەرسىگە (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن پەيغەمبەرلىككە) ھەسەت قىلىشامدۇ؟ بىز ھەقىقەتەن ئىبىراھىم ئەۋلادىغا كىتاب، ھېكمەت بەردۇق ۋە ئۇلارغا بۈيۈك پادىشاھلىق بەردۇق(54).

4:55 ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) نىڭ ئىچىدە ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتقانلارمۇ بار، ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرمۇ بار، ئۇلارغا (ئۇلارنىڭ كۇفرىغا جازا بېرىش يۈزىسىدىن) جەھەننەمنىڭ يېنىپ تۇرغان ئوتى يېتەرلىكتۇر(55).

4:56 شۈبھىسىزكى، بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلارنى دوزاخقا كىرگۈزىمىز، ئۇلارنىڭ تېرىلىرى پىشىپ تۈگىگەن چاغدا ئازابنى تېتىتىش ئۈچۈن ئورنىغا باشقا تېرە يەڭگۈشلەيمىز. ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(56).

4:57 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز، ئۇلار جەننەتلەردە مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇ يەردە ئۇلارغا پاك جۈپتىلەر بولىدۇ، ئۇلارنى جەننەتنىڭ مەڭگۈلۈك سايىسىگە داخىل قىلىمىز(57).

4:58 شۈبھىسىزكى، ئاللاھ سىلەرنى ئامانەتلەرنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلغاندا ئادىل ھۆكۈم قىلىشقا بۇيرۇيدۇ، ئاللاھ سىلەرگە نەسىھەت قىلغان ئىشلار نېمىدېگەن ياخشى، ئاللاھ ھەقىقەتەن (سۆزۈڭلارنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر (ئىشىڭلارنى) كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(58).

4:59 ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا، پەيغەمبەرگە ۋە ئۆزۈڭلاردىن بولغان ئىش ئۈستىدىكىلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر بىر شەيئىدە ئىختىلاپ قىلىشىپ قالساڭلار، بۇ توغرىدا ئاللاھقا ۋە پەيغەمبەرگە مۇراجىئەت قىلىڭلار، ئەگەر سىلەر ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىغان بولساڭلار بۇ (يەنى ئاللاھنىڭ كىتابىغا ۋە پەيغەمبىرىنىڭ سۈننىتىگە مۇراجىئەت قىلىش) سىلەر ئۈچۈن پايدىلىقتۇر، نەتىجە ئېتىبارى بىلەن گۈزەلدۇر(59).