مۇھەممەد سالىھ — 93

4:92 مۆمىن ئادەمنىڭ مۆمىن ئادەمنى سەۋەنلىك بىلەن ئەمەس، قەستەن ئۆلتۈرۈشى ھېچ دۇرۇس ئەمەس. كىمكى بىرەر مۆمىننى سەۋەنلىك بىلەن ئۆلتۈرۈپ قويىدىكەن، ئۇ بىر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى ۋە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت (يەنى تۆلەم) تۆلىشى كېرەك، ئۇلار (يەنى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ۋارىسلىرى) دىيەتنى كەچۈرۈم قىلسا، (شۇنىڭ بىلەن قاتىل ئۇنى) تۆلىمىسە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى مۆمىن سىلەرگە دۈشمەن (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، بۇ چاغدا ئۆلتۈرۈپ قويغۇچى بىر نەپەر مۆمىن قۇلنى ئازاد قىلىشى لازىم (دىيەت كەلمەيدۇ، چۈنكى ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئىگىسى مۇسۇلمان بولمىغاچقا ئۇنىڭغا ۋارىس بولمايدۇ). ئەگەر ئۆلتۈرۈلگۈچى ئاراڭلاردا مۇئاھىدە بولغان (كۇففار) قەۋمدىن بولسا، ئۇنىڭ ۋارىسلىرىغا دىيەت تۆلەش ۋە بىر نەپەر قۇلنى ئازاد قىلىش كېرەك. ئازاد قىلىدىغان قۇل تاپالمىغان ئادەم (يەنى قۇل ئازاد قىلىشقا قادىر بولالمىغان ئادەم) (تەۋبىسىنى ئاللاھنىڭ قوبۇل قىلىشى ئۈچۈن) ئۈزۈلدۈرمەي ئىككى ئاي روزا تۇتۇشى لازىم. ئاللاھ ھەممىنى بىلىپ تۇرغۇچى، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(92).

4:93 كىمكى بىر مۆمىننى قەستەن ئۆلتۈرىدىكەن، ئۇنىڭ جازاسى جەھەننەم بولىدۇ، ئۇ جەھەننەمدە مەڭگۈ قالىدۇ، ئاللاھنىڭ غەزىپىگە ۋە لەنىتىگە دۇچار بولىدۇ. ئاللاھ ئۇنىڭغا (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازاب تەييارلايدۇ(93).

4:94 ئى مۆمىنلەر! ئاللاھ يولىغا (يەنى غازاتقا) ئاتلانغان ۋاقتىڭلاردا ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار (يەنى مۆمىن ياكى كاپىرلىقى ئېنىق بولغىچە ئۆلتۈرۈشكە ئالدىراپ كەتمەڭلار)، سىلەرگە مۇسۇلمان بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سالام بەرگەن ئادەمگە ـ دۇنيانىڭ مال ـ مۈلكىنى (غەنىيمەتنى) كۆزلەپ ـ سەن مۆمىن ئەمەسسەن دېمەڭلار (يەنى ئۆلۈشتىن قورقۇپ سالام بەردىڭ دەپ ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتمەڭلار). ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا (مۇنداقلارنى ئۆلتۈرۈشتىن سىلەرنى بىھاجەت قىلىدىغان) نۇرغۇن غەنىيمەتلەر (يەنى ساۋاب) بار. ئىلگىرى سىلەرمۇ ئەنە شۇنداق (كاپىر) ئىدىڭلار، كېيىن ئاللاھ سىلەرگە (ئىماننى) ئىلتىپات قىلدى، (ئۇلارنى ئۆزۈڭلارغا سېلىشتۇرۇپ) ھەقىقەتلەپ ئىش قىلىڭلار. ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلمىشىڭلاردىن خەۋەرداردۇر(94).