مۇھەممەد سالىھ — 98

4:122 ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىمىز. ئۇلار جەننەتتە مەڭگۈ قالىدۇ. ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقتۇر، ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك كىم بار؟ (يەنى ئاللاھتىنمۇ راست سۆزلۈك ھېچ ئەھەدى بولمايدۇ)(122).

4:123 (ئاللاھ ۋەدە قىلغان ساۋاب) سىلەرنىڭ قۇرۇق ئارزۇيۇڭلار ۋە ئەھلى كىتابنىڭ قۇرۇق ئارزۇسى بىلەن قولغا كەلمەيدۇ. كىمكى بىر يامانلىق قىلىدىكەن، بۇنىڭ ئۈچۈن (دۇنيادا ياكى ئاخىرەتتە) جازالىنىدۇ، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئاللاھتىن باشقا (ئاللاھنىڭ ئازابىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان) ھېچقانداق دوست ۋە ھېچقانداق مەدەتكار تاپالمايدۇ(123).

4:124 ئەر ـ ئاياللاردىن مۆمىن بولۇپ تۇرۇپ ياخشى ئىشلارنى قىلغانلار جەننەتكە داخىل بولىدۇ، ئۇلارغا قىلچە زۇلۇم قىلىنمايدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ ساۋابى قىلچە كېمەيتىۋېتىلمەيدۇ)(124).

4:125 ياخشى ئەمەللەرنى قىلغان ھالدا ئۆزىنى ئاللاھقا تاپشۇرغان (يەنى ئاللاھنىڭ ئەمرىگە بويسۇنۇپ ئەمەلىنى خالىس ئاللاھ ئۈچۈن قىلغان)، باتىل دىنلاردىن بۇرالغان ھالدا ئىبراھىمنىڭ دىنىغا ئەگەشكەن كىشىدىن دىنىي جەھەتتە ياخشىراق ئادەم بارمۇ؟ ئاللاھ ئىبراھىمنى دوست تۇتتى(125).

4:126 ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭدۇر (يەنى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، بەندىلىرىدۇر، مەخلۇقاتلىرىدۇر). ئاللاھ ھەممە نەرسىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر(126).

4:127 (ئى مۇھەممەد!) سەندىن ئاياللار توغرىسىدا پەتىۋا سورايدۇ، ئېيتقىنكى، ئۇلار توغرىسىدا ئاللاھ سىلەرگە پەتىۋا بېرىدۇ. قۇرئاندا سىلەرگە تىلاۋەت قىلىنىدىغان (ئاياللارنىڭ مىراسىغا ئائىت) ئايەتلەرمۇ پەتىۋا بېرىدۇ. شۇنداق يېتىملەر توغرىسىدا پەتىۋا بېرىدۇكى، سىلەر ئۇلارنىڭ تەيىن قىلىنغان مىراسىنى بەرمەيسىلەر، (ئۇلارنىڭ مىراسى قولىمىزدىن چىقىپ كېتىپ قالىدۇ-دەپ) ئۇلارنى ئەرگە بەرمەيسىلەر (يەنى مۇنداق قىلماسلىقىڭلارغا پەتىۋا بېرىدۇ)، بوزەك قىلىنغان بالىلار(نىڭ ھەققىنى بېرىشىڭلار) ۋە يېتىملەرگە ھەققانىي بولۇشۇڭلار ھەققىدە پەتىۋا بېرىدۇ. (ئاياللارغا ۋە يېتىملەرگە) قانداقلا ياخشىلىق قىلساڭلار، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى بىلىپ تۇرىدۇ (يەنى شۇنىڭغا ئاساسەن ئاللاھ سىلەرنى مۇكاپاتلايدۇ)(127).