مۇختەسەر تەفسىر
وَنُنَزِّلُ مِنَ ٱلْقُرْءَانِ مَا هُوَ شِفَآءٌ وَرَحْمَةٌ لِّلْمُؤْمِنِينَ ۙ وَلَا يَزِيدُ ٱلظَّـٰلِمِينَ إِلَّا خَسَارًا ﴿٨٢﴾
بىز قۇرئان كەرىمدىن قەلبلەرنىڭ نادانلىق، كۇپۇرلۇق ۋە شېرىكتىن ئىبارەت ئىللەتلىرىگە شىپا بولىدىغان، دۇئا سۈپىتىدە ئوقۇلسا جىسمانىي كېسەللەرگىمۇ شىپا بولىدىغان ئايەتلەرنى نازىل قىلىمىز. قۇرئان كەرىم ئۇنىڭغا ئەمەل قىلغان مۇئمىنلەرگە رەھمەتتۇر. بۇ قۇرئان كاپىرلارغا پەقەت ھالاكەتنى زىيادە قىلىدۇ. چۈنكى قۇرئاننى ئاڭلاش ئۇلارنى ئاچچىق يۇتقۇزىدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار قۇرئاندىن يۈز ئۆرۈپ، ئۇنى تېخىمۇ بەك ئىنكار قىلىشىدۇ.