×
الإسراءئايەت 83

مۇختەسەر تەفسىر

وَإِذَآ أَنْعَمْنَا عَلَى ٱلْإِنسَـٰنِ أَعْرَضَ وَنَـَٔا بِجَانِبِهِۦ ۖ وَإِذَا مَسَّهُ ٱلشَّرُّ كَانَ يَـُٔوسًا ﴿٨٣﴾

بىز ئىنسانغا ساقلىق ۋە بايلىققا ئوخشاش تۈرلۈك نېئمەتلەرنى ئاتا قىلساق، ئاللاھقا شۈكۈر ئېيتىش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن يۈز ئۆرۈپ، تەكەببۇرلۇقىدىن (ھەقتىن تېخىمۇ) يىراقلاپ كېتىدۇ. ناۋادا ئۇنىڭغا كېسەللىك ياكى كەمبەغەللىككە ئوخشاش بىرەر كۆڭۈلسىزلىك يەتسە، ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن پۈتۈنلەي ئۈمىدىنى ئۈزۈپ، قايغۇغا پاتىدۇ.