×
البقرةئايەت 149

مۇختەسەر تەفسىر

وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۖ وَإِنَّهُۥ لَلْحَقُّ مِن رَّبِّكَ ۗ وَمَا ٱللَّهُ بِغَـٰفِلٍ عَمَّا تَعْمَلُونَ ﴿١٤٩﴾

ئى پەيغەمبەر! سەن ۋە ئەگەشكۈچىلىرىڭ قەيەردىن چىقساڭ، قەيەردە تۇرۇپ ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە يۈزۈڭنى قىلغىن. ھەقىقەتەن ئۇ ساڭا رەببىڭ تەرىپىدىن ۋەھيى قىلىنغان ھەقىقەتتۇر. ئاللاھ سىلەر قىلىۋاتقان ئىشلاردىن غاپىل ئەمەس بەلكى خەۋەر تېپىپ تۇرغۇچىدۇر ۋە سىلەرگە ئەمىلىڭلەرگە كۆرە جازا-مۇكاپات بېرىدۇ.