×
البقرةئايەت 150

مۇختەسەر تەفسىر

وَمِنْ حَيْثُ خَرَجْتَ فَوَلِّ وَجْهَكَ شَطْرَ ٱلْمَسْجِدِ ٱلْحَرَامِ ۚ وَحَيْثُ مَا كُنتُمْ فَوَلُّوا۟ وُجُوهَكُمْ شَطْرَهُۥ لِئَلَّا يَكُونَ لِلنَّاسِ عَلَيْكُمْ حُجَّةٌ إِلَّا ٱلَّذِينَ ظَلَمُوا۟ مِنْهُمْ فَلَا تَخْشَوْهُمْ وَٱخْشَوْنِى وَلِأُتِمَّ نِعْمَتِى عَلَيْكُمْ وَلَعَلَّكُمْ تَهْتَدُونَ ﴿١٥٠﴾

ئى پەيغەمبەر! قەيەردىن چىقمىغىن ناماز ئوقۇماقچى بولساڭ يۈزۈڭنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىل. ئى مۆئمىنلەر! كىشىلەر ئۈچۈن سىلەرگە قارشى ھۆججەت بولۇپ قالماسلىقى ئۈچۈن قەيەردە بولماڭلار ناماز ئوقۇماقچى بولساڭلار يۈزۈڭلارنى مەسجىدى ھەرەم تەرەپكە قىلىڭلار. پەقەت ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى زۇلۇم قىلغۇچىلارلا (قىبلىنىڭ ئۆزگەرگەنلىكىنى سىلەرگە قارشى دەلىل قىلىۋالىدۇ) شۇڭلاشقا ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ سەركەشلىكىدە قېلىپ قالىدۇ ۋە سىلەرگە قارشى ئەڭ ئاجىز دەلىللەر بىلەن ھۆججەت كەلتۈرىدۇ. سىلەر ئۇلاردىن قورقماڭلار، بۇيرۇقلىرىنى ئىجرا قىلىش، چەكلىمىىرىدىن يېنىش ئارقىلىق يەككە يېگانە رەببىڭلاردىن قورقۇڭلار. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ باشقا ئۈممەتلەر ئارىسىدىن سىلەرنى تاللاپ چىقىپ ئۆز نېئمىتىنى تۇلۇق بېرىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ قىبلىسى بولغان كەئبە تەرەپكە يۈز كەلتۈرۈشىڭلارنى بېكىتتى.