مۇختەسەر تەفسىر
يَـٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُوٓا۟ إِذَا قُمْتُمْ إِلَى ٱلصَّلَوٰةِ فَٱغْسِلُوا۟ وُجُوهَكُمْ وَأَيْدِيَكُمْ إِلَى ٱلْمَرَافِقِ وَٱمْسَحُوا۟ بِرُءُوسِكُمْ وَأَرْجُلَكُمْ إِلَى ٱلْكَعْبَيْنِ ۚ وَإِن كُنتُمْ جُنُبًا فَٱطَّهَّرُوا۟ ۚ وَإِن كُنتُم مَّرْضَىٰٓ أَوْ عَلَىٰ سَفَرٍ أَوْ جَآءَ أَحَدٌ مِّنكُم مِّنَ ٱلْغَآئِطِ أَوْ لَـٰمَسْتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَلَمْ تَجِدُوا۟ مَآءً فَتَيَمَّمُوا۟ صَعِيدًا طَيِّبًا فَٱمْسَحُوا۟ بِوُجُوهِكُمْ وَأَيْدِيكُم مِّنْهُ ۚ مَا يُرِيدُ ٱللَّهُ لِيَجْعَلَ عَلَيْكُم مِّنْ حَرَجٍ وَلَـٰكِن يُرِيدُ لِيُطَهِّرَكُمْ وَلِيُتِمَّ نِعْمَتَهُۥ عَلَيْكُمْ لَعَلَّكُمْ تَشْكُرُونَ ﴿٦﴾
ئى مۆئمىنلەر! ئەگەر سىلەر ناماز ئوقۇماقچى بولۇپ، تاھارىتىڭلار يوق بولسا يۈزۈڭلارنى يۇيۇش، ئىككى قولۇڭلارنى جەينىكى بىلەن قېتىپ يۇيۇش، بېشىڭلارغا مەسھى قىلىش ۋە پۇتۇڭلارنى ھوشۇقۇڭلار بىلەن قېتىپ يۇيۇپ تاھارەت ئىلىڭلار. ئەگەر جۇنۇپ بولۇپ قالغان بولساڭلار يۇيۇنۇڭلار، ئەگەر كېسەل بولۇپ كېسەلنىڭ زىيادە بولۇپ كېتىشىدىن ياكى شىپا تېپىشىنىڭ كېچىكىشىدىن ئەنسىرسەڭلار ياكى ساغلام ھالەتتە سەپەر قىلغان بولساڭلار ياكى ھاجەتنى ئادا قىلىش بىلەن تاھارەت سۇندۇرغان بولساڭلار ياكى جىنسى مۇناسىۋەت ئۆتكۈزۈش بىلەن جۇنۇپ بولۇپ قالغان بولساڭلار، يۇيۇنۇپ-تاھارەت ئىلىش ئۈچۈن سۇنى ئىزدەپ تاپالمىغان بولساڭلار، تەيەممۇم قىلىش ئۈچۈن زېمىننى مەقسەت قىلىڭلار، قولۇڭلارنى يەرگە ئۇرۇپ يۈزۈڭلارنى ۋە قولۇڭلارنى سېلاڭلار، ئاللاھ سىلەرگە سۇ زەرەر قىلىدىغان ئەھۋالدا چوقۇم سۇ ئىشلىتىشنى بۇيرۇش بىلەن ھۆكۈمنى تارلاشتۇرۇشنى خالىمايدۇ. كېسەللىكتىن سۇ ئېشلىتىش زىيان قىلىدىغان ياكى سۇ تاپالمىغان ۋاقىتتا سىلەرگە ئۆزىنىڭ نېئمىتىنى تاماملاش، سىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ نېمىتىگە شۈكۈر ئېيتىشىڭلار ۋە تۈزكورلۇق قىلماسلىقىڭلار ئۈچۈن سۇنىڭ ئورنىدا تەيەممۇم قىلىشنى .ئالماشتۇرۇپ بەردى