×
المائدةئايەت 7

مۇختەسەر تەفسىر

وَٱذْكُرُوا۟ نِعْمَةَ ٱللَّهِ عَلَيْكُمْ وَمِيثَـٰقَهُ ٱلَّذِى وَاثَقَكُم بِهِۦٓ إِذْ قُلْتُمْ سَمِعْنَا وَأَطَعْنَا ۖ وَٱتَّقُوا۟ ٱللَّهَ ۚ إِنَّ ٱللَّهَ عَلِيمٌۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ ﴿٧﴾

ئى مۆئمىنلەر! ئاللاھنىڭ سىلەرنى ئىسلامغا ھىدايەت قىلىشتىن ئىبارەت بولغان نېئمىتىنى ئەسلەڭلار، ئۆز ۋاقتىدا سىلەر بىلەن قىلغان ئەھدىنى ئەسلەڭلار. سىلەر مۇھەممەدئەلەيھىسسالامغا ياخشى-يامان كۈنلەردە ئىتائەت قىلىشقا بەيئەت بېرىپ: سۆزۇڭنى ئاڭلىدۇق ۋە بۇيرۇقۇڭغا ئىتائەت قىلدۇق دېدىڭلار. ئاللاھنىڭ بۇيرىقىغا بويسۇنۇشقا بەرگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىش، چەكلىمىلىرىدىن يىراق بولۇش ئارقىلىق ئۇنىڭدىن قورقۇڭلار، ئاللاھ دىللاردىكىنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھقا ھېچ نەرسە مەخپى .قالمايدۇ